ئامېرىكا پارىژ كىلىمات كېلىشىمىدىن چېكىندى
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى يەر شارىنىڭ ئىسسىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلغان پارىژ كىلىمات كېلىشىمىدىن چېكىنىدىغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت دونالد ترامپ ئاقسارايدا بايانات ئېلان قىلىپ، كىلىمات كېلىشىمىنىڭ ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىگە پايدىلىق ئەمەسلىكىنى ۋە ئىقتىسادىغا ئارتۇقچە يۈك بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ كېلىشىمنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە قارشى كۈرەشنى ئەمەس، بەلكى قاتناشقۇچى دۆلەتلەرگە ئامېرىكا ئىقتىسادىغا قارشى ئىقتىسادىي ئارتۇقچىلىقنى ئاتا قىلىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ: «دۆلىتىمنى ۋە پۇقرالىرىمنى قوغداش ئۈچۈن كېلىشىمدىن چېكىنىمىز. بۇنىڭدىن ئادىل بولغان كېلىشىمنىڭ تۈزۈلۈشى ئۈچۈن مۇزاكىرەلەرنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.
2016-يىلىدىكى سايلام سەپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرىدە يەر شارىنىڭ ئىسسىپ كېتىشى دېگەننى «ئالدامچىلىق» ئىكەنلىكىنى ئېيتقان دونالد ترامپ، مۇھىت قوغداش تەشكىلاتلىرى تەنقىد قىلغان كۆمۈر سانائىتىدە ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىنى ئاشۇرىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن ئىدى.
2015-يىلى پارىژدا ئېچىلغان 21-نۆۋەتلىك ب د ت كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنى (COP21) دا تەستىقلانغان كېلىشىم، 2016-يىلى ئاپرېل ئېيىدا نىيۇ يوركتىكى ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىدە، ئامېرىكا، خىتاي ۋە تۈركىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 190 دىن ئارتۇق دۆلەت تەرىپىدىن ئىمزالانغان ئىدى. كېلىشىمدە، كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ سەلبىي تەسىرلىرىگە قارشى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ تەييار بولۇشى، سەرا گازىنى قويۇپ بېرىشنى ئازايتىدىغان مۇھىتقا پايدىلىق ۋە ئىزچىللىققا ئىگە ئىقتىسادىي پائالىيەتلەرنى قوللاش قاتارلىق ماددىلار ئالدىنقى پىلاندا ئىدى.
كېلىشىم كاربونغا ئوخشاش گازلارنىڭ ئاتموسفېراغا قويۇپ بېرىلىشنى چەكلەيدىغان ۋە پاكىزە ئېنېرگىيە ئۈچۈن، كەمبەغەل دۆلەتلەرگە ياردەم قىلىشنى تەكلىپ قىلىدۇ. ئامېرىكا خىتايدىن قالسىلا ئاتموسفېراغا ئەڭ كۆپ كاربون قويۇپ بېرىدىغان دۆلەت ھېسابلىنىدۇ.