ئامېرىكىدىكى چوڭ شىركەتلەر ترامپنىڭ كىلىمات قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى

ئامېرىكىدىكى چوڭ شىركەتلەر پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ ئامېرىكىنى پارىژ كىلىمات ئەھدىنامىسىدىن چېكىندۈرۈش قارارىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

744274
ئامېرىكىدىكى چوڭ شىركەتلەر ترامپنىڭ كىلىمات قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى چوڭ شىركەتلەرنىڭ مەسئۇللىرى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئامېرىكىنىڭ پارىژ كىلىمات ئەھدىنامىسىدىن چېكىنىپ چىقىشىنى قارار قىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

توكلۇق ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئېنېرگىيەنى زاپاس ساقلاش شىركىتى تەسلانىڭ دىرېكتورى ئېلون مۇسك Twitter ئادرېسىدىن ئۇچۇر تارقتىپ مۇنداق دېدى: «دۇنيانىڭ كىلىماتى ھەقىقەتەن ئۆزگىرىۋتىدۇ، بۇ رىئاللىقتۇر، شۇڭا پارىژ ئەھدىنامىسىدىن چېكىنىپ چىقىش ئامېرىكا ۋە دۇنياغا نىسبەتەن ياخشى ئەمەس.»

مۇسك يەنە ترامپنىڭ ئىقتىسادىي كېڭىشىدىنمۇ ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئېلون مۇسك بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى بەرگەن باياناتىدا دونالد ترامپ پارىژ كىلىمات ئەھدىنامىسىدىن چېكىنىپ چىقىشنى قارار قىلغان ئەھۋالدا ئامېرىكا پىرېزىدېنتىنىڭ ئىقتىسادىي كېڭىشىنىڭ مەسلىھەتچىلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

ئويۇن-تاماش سانائىتى ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن شىركەتلەردىن ۋالت دىسنېي( The Walt Disney) نىڭ دىرېكتورى روبېرت ئىگېرمۇ دونالد ترامپنىڭ مەسلىھەتچىلىك كېڭىشىدىن ئايرىلىپ چىقتى.

ئىگېر Twitter ئادرېسىدا بۇ ھەقتە ئۇچۇر تارقىتىپ مۇنداق دېدى: «دونالد ترامپنىڭ پارىژ كىلىمات ئەھدىنامىسىدىن چېكىنىپ چىقىشنى قارار قىلىشى تۈپەيلى، پىرىنسىپنىڭ تەقەززاسى بويىچە دونالد ترامپنىڭ ئىقتىسادىي كېڭىشىدىن ئايرىلىپ چىقتىم.»

ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ سېلىنما بانكىلىرىدىن ھېسابلىنىدىغان گولدمەن ساچېس (Goldman Sachs) گۇرۇھىنىڭ 2006-يىلدىن بۇيان باش دىرېكتورى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەپ كېلىۋاتقان لىيود بىلەنكفېيىن ، 2011-يىلى ئىيۇندىن بۇيان تۇنجى قېتىم Twitter ئادرېسىدا ئۇچۇر تارقاتتى.

ترامپنىڭ پارىژ كىلىمات ئەھدىنامىسىدىن چېكىنىپ چىقىش قارارىنىڭ ئامېرىكىنىڭ زىيىنىغا بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان بىلەنكفېيىن مۇنداق دېدى: «ترامپنىڭ بۇ قارارى ئامېرىكىنىڭ دۇنيادىكى نوپۇزىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ.»

ئامېرىكىدىكى تېخنولوگىيە گۇرۇھى گۇگۇل (Google) نىڭ دىرېكتورى سۇندار پىچايمۇ Twitter ئادرېسىدا بۇ ھەقتە يازغان ئۇچۇرىدا، دونالد ترامپنىڭ قارارىنىڭ قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈرگەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «گۇگۇل پارلاق ئىستىقبال يارىتىش ئۈچۈن ئىزچىل تىرىشىدۇ.»

ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ ئېنېرگىيە شىركەتلىرىدىن General Electric نىڭ باش دىرېكتورى جېف ئىممېلت، Twitter ئادرېسىدا دونالد ترامپنىڭ قارارىنىڭ تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق يازدى: «دۇنيانىڭ كىلىماتىنىڭ ئۆزگىرىۋاتقانلىقى رىئاللىقتۇر. شۇڭا سانائەت ساھەسى ھۆكۈمەتكە ئۈمىد باغلىماي ئۆز ئالدىغا ئىش تۇتۇشى كېرەك.»

كېنتۇكىي كۆمۈر گۇرۇھى تەشكلىي ھەيئەت كېڭىشى بولسا دونالد ترامپنىڭ ئامېرىكىنى پارىژ كىلىمات ئەھدىنامىسىدىن چېكىندۈرۈش قارارىنى قوللىدى.

كېنتۇكىي كۆمۈر گۇرۇھى تەشكلىي ھەيئەت كېڭىشى باشلىقى تايلېر ۋايت بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، دونالد ترامپنىڭ باراك ئوباما ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا مەجلىسىنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماستىن پارىژ كىلىمات ئەھدىنامىسىنى مۇزاكىرىگە قويغانلىقىنى، شۇنداقلا مەزكۇر ئەھدىنامىنىڭ ئامېرىكا خەلقىنى ۋە ئامېرىكىنىڭ رىقابەت كۈچىنى خەتەرگە ئىتتىرگەنلىكىنى ياقلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر