رونېفت شىركىتى بىلەن بىرىتانىيە نېفىت شىركىتى كېلىشىم ئىمزالىدى

رۇسىيەنىڭ سائىنت پېتېرسبۇرگ شەھىرىدە رونېفت شىركىتى بىلەن بىرىتانىيە نېفىت شىركىتى كېلىشىم ئىمزالىدى.

744580
رونېفت شىركىتى بىلەن بىرىتانىيە  نېفىت شىركىتى كېلىشىم ئىمزالىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رونېفت شىركىتى بىلەن بىرىتانىيە  نېفىت شىركىتى ئوتتۇرىسىدا تەبىئىي گاز كېلىشىمى ئىمزالاندى.

رۇسىيەنىڭ سائىنت پېتېرسبۇرگ شەھىرىدىكى خەلقئارا ئىقتىساد مۇنبىرى دائىرىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمغا روسنېفتنىڭ مەسئۇلى ئىگور سەچىن بىلەن بىرىتانىيە شىركىتى ئىجرائىيە كېڭىشى باشلىقى روب دۇدلېي قاتناشتى.

كېلىشىم دائىرىسىدە ئىككى شىركەت ئوتتۇرىسىدا تەبىئىي گاز سېتىش، ئىزدەش، ئىشلەپچىقىرىش ۋە بازارغا سېلىش بىلەن رۇسىيە ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى قويۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز لايىھەلىرىدىمۇ ئىستىراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ئورنىتىلىدۇ.

روسفېنت تەرىپىدىن ئىشلەپچىقىرىلغان تەبىئىي گازنىڭ 2019-يىلدىن باشلاپ بىرىتانىيە نېفىت شىركىتى تەرىپىدىن ياۋروپاغا سېتىلىشى پىلانلانماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر