«پ ي د غا بېرىلگەن قوراللار توغرۇلۇق تۈركىيەگە مەلۇمات بېرىمىز»

ئامېرىكا پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى پ ي د غا بېرىلگەن قوراللار توغرۇلۇق تۈركىيەگە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

744279
«پ ي د  غا بېرىلگەن قوراللار توغرۇلۇق تۈركىيەگە مەلۇمات بېرىمىز»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى باشچىلىقىدىكى خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسمىنىڭ باياناتچىسى ئوفېستىر رىيان دىللون، ئامېرىكىنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى پ ي گ نى رەققەگە ھۇجۇم قوزغاش ئۈچۈن قورال-ياراغ بىلەن تەمىنلىشى توغرۇلۇق تۈركىيەگە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

ئوفېستىر دىللون ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادتا تۇرۇپ  تېلېفون ئارقىلىق ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا باغلىنىپ مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

دىللسون ئامېرىكىنىڭ ي پ گ (پ ي د  )گە بەرگەن قورال-ياراغلارنىڭ تىپى، مىقدارى ۋە ھەربىي ئاپتوموبىللارنىڭ سانىغا مۇناسىۋەتلىك سورالغان سوئالغا قارىتا جاۋاب بېرىپ، بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىلمەيدىغانلىقىنى، لېكىن ي پ گ گە بېرىلگەن قورال-ياراغلارنىڭ داۋاملىق كونترول قىلىنىپ تۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.  

«بۇلار توغرۇلۇق ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ مەخپىيلىكى سەۋەبىدىن مەلۇمات بەرمەيمىز، چۈنكى دائېشنىڭ سۈرىيە دېموكراتىك كۈچلىرىنىڭ قولىدا قانداق قورال-ياراغلار بارلىقىنى بىلىپ قېلىشىنى خالىمايمىز»دېگەن دىللسون، بىراق بۇ قوراللارنىڭ تىپى، مىقدارى ۋە قايسى جايلاردا ئىشلىتىلىدىغانلىقى توغرۇلۇق تۈركىيەگە مەلۇمات بېرىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

ئوفېستىر دىللسون قورال-ياراغلارنى قانداق كونترول قىلىش مەسىلىسى توغرۇلۇق سورالغان بىر سوئالغا قارىتا مۇنداق جاۋاب بەردى: «بىرىنچىسى، سۈرىيە دېموكراتىك كۈچلىرى سېتىۋالغان بارلىق قورال-ياراغلار كونترول قىلىنىدۇ. ئۇلار دائېشقا قارشى كۈرەش قىلىش ۋە بىزنىڭ قوراللىق توقۇنۇشقا مۇناسىۋەتلىك قانۇنلىرىمىزغا رىئايە قىلىشى كېرەك، بېرىلگەن قوراللار نومۇرلىرىغا ئاساسەن  قوماندانلارغا بېرىلىپ رويخەتكە ئېلىنىدۇ. بۇ مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسىنى، ي پ گ گە قورال بېرىشىمىزدىن ئەندىشە قىلىۋاتقان ئىتتىپاقداشلىرىمىز بىلەن ئورتاقلىشىمىز.»

دىللسون يەنە ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ بۇ قوراللارنىڭ ئۇرۇش مەيدانىغا قانداق ئىشلىتىدىغانلىقىنى كونترول قىلىپ تۇرىدىغانلىقلىرىنى، ناۋادا قوراللار بېرىلىش مەقسىتىگە زىت ھالدا ئىشلىتىلگەن ئەھۋالدا بۇنى سادىر قىلغان قىسىمغا قورال بېرىلمەيدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

دىللسون تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ۋە پ ي  د غا ھەربىي ئاپتوموبىللارغا قارشى ئىشلىتىلىدىغان ئېغىر تىپلىق قوراللارنىڭ تېخى بېرىلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

بىراق پ ك ك  ۋە ي پ د نىڭ رەققەگە يېقىنلاشقانسېرى دائېشنىڭ بومبا قاچىلانغان ھەربىي ئاپتوموبىللار بىلەن ھۇجۇم قىلىش تەھدىتىگە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتقان باياناتچى دىللسون، بۇ ئېغىر تىپلىق قوراللارنىڭ شۇ ۋاقتىدا بېرىلىشكە باشلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر