ياۋروپا ترامپنى كىلىمات كېلىشىمىدىن چېكىنمەسلىككە چاقىردى

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى باشلىقى جانكېر، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنى فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا ئىمزالانغان كىلىمات كېلىشىمىدىن چېكىنمەسلىككە چاقىردى.

743621
ياۋروپا ترامپنى كىلىمات كېلىشىمىدىن چېكىنمەسلىككە چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى باشلىقى جانكېر، گېرمانىيەنىڭ پايتەختى بېرلىندا سۆز قىلىپ، ئامېرىكا بىلەن تەڭ – باراۋەر تۇرۇپ سۆزلىشىش ئۈچۈن بەزى ئىشلارنى كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىش كېرەكلىكىنى ئېيتتى. ئۆزىنىڭ قىتئە ھالقىغان مۇناسىۋەتلەرنىڭ داۋاملاشتۇرۇشى تەرەپدارى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن جانكېر، «بىرلىرى ئامېرىكىغا كىلىمات كېلىشىمىدىن شۇنداقلا چېكىنىپ چىقىپ كېتەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىشى لازىم. پارىژ كېلىشىمىنىڭ جاۋابكارلىقىدىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىش ئۇزۇن يىللارنى ئېلىشى مۇمكىن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

كىلىمات ئۆزگىرىشى ئېلىپ كېلىۋاتقان خەۋپلەر ئۈستىدە توختالغان جانكېر، «كىلىمات ئۆزگىرىشىگە قارشى قەتئىي كۈرەشنى يولغا قويمايدىغان بولساق، 83 دۆلەتنىڭ يەر – يۈزىدىن يوق بولۇش خەۋپى بار» دېدى.

بۇ جەرياندا ئامېرىكىنىڭ 3M، مورگان ستانلېي، ج.پ.مورگان چېيس... قاتارلىق نۇرغۇن شىركەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى ئامېرىكا تېلېۋىزىيە قاناللىرى ۋە يۇتىيۇب ئارقىلىق ئېلان تارقىتىپ، ترامپقا خىتاب قىلدى؛ مەزكۇر ئېلان فىلىمىدا، «ئامېرىكىنىڭ پارىژ كىلىمات كېلىشىمىدە قېلىشىنى كۈچلۈك قوللايمىز. پىرېزىدېنت ترامپ، پارىژ كېلىشىمىدە قال ۋە ئەمگەك ئىمكانىيىتى يارىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى كېلىشىملەر ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغىن» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

ئامېرىكا تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەردە، دونالد ترامپنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى مەزكۇر كېلىشىمدىن چېكىندۈرۈشنىڭ تەييارلىقىنى باشلىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ترامپ، تۋىتتېر ئارقىلىق تارقاتقان ئۇچۇرىدا، «پارىژ كېلىشىمىگە ئالاقىدار قارارىمنى بىر قانچە كۈن ئىچىدە ئېلان قىلىمەن. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى قايتىدىن چوڭىتايلى» دېگەنىدى.

سايلام دولقۇنى جەريانىدا يەر شارىنىڭ ئىسسىپ كېتىشىنىڭ بىر «ئالدامچىلىق» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ترامپ، مۇھىت ئاسراش ئورۇنلىرى ئەيىبلەپ كېلىۋاتقان كۆمۈر سانائىتىدىكى خىزمەتكە ئورۇنلىشىش ئىمكانىيىتىنى قايتىدىن ئاشۇرىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەنىدى.

2015 – يىلى پارىژدا ئۆتكۈزۈلگەن 21 – نۆۋەتلىك ب د ت  كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تەرەپ دۆلەتلەر يىغىنىدا ماقۇللانغان كېلىشىم، 2016 –يىلى ئاپرېلدا ب د ت  نىڭ نيو يوركتىكى مەركىزىدە ئامېرىكا، خىتاي ۋە تۈركىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 190 دىن ئارتۇق دۆلەت تەرىپىدىن ئىمزالانغانىدى.

كېلىشىمدە، كىلىمات ئۆزگىرىشى ئېلىپ كېلىدىغان سەلبىي ئەھۋاللارغا قارشى دۆلەتلەرنىڭ تەييار تۇرۇشى، پارنىك گازى قويۇپ بېرىشنى ئازايتىدىغان مۇھىتقا پايدىلىق ۋە سىجىل ئىقتىسادىي ئىلگىرىلەشلەرنى قوللاپ – قۇۋۋەتلەش دېگەندەك ماددىلار ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر