دائېش پ ك ك بىلەن كېلىشتىمۇ؟

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ سۈرىيەنىڭ رەققە شەھىرىدىن پالمىراغا توقۇنۇشماستىن چېكىنىش ئۈچۈن پ ك ك / پ ي د – ي پ گ تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن كېلىشىپ كېلىشمىگەنلىكى توغرۇلۇق بايانات ئېلان قىلدى.

743924
دائېش پ ك ك بىلەن كېلىشتىمۇ؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لاۋروۋ پايتەخت موسكۋادا ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، دائېشنىڭ رەققەدىن پالمىراغا توقۇنۇشماستىن چېكىنىش ئۈچۈن پ ك ك / پ ي د – ي پ گ تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن كېلىشكەنلىكىگە ئالاقىدار بىر سوئالغا جاۋاب بەرگەندە، تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / پ ي د – ي پ گ نىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتلارنى قوبۇل قىلمىغانلىقىنى ئاڭلىغانلىقىنى، ئەمما ئۆزلىرى ئىگىلىگەن مەلۇماتلارنىڭ باشقىچە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بۇ مەلۇماتنىڭ توغرىلىقىنى جەزملەشتۈردى، چۈنكى بۇ مەلۇماتنىڭ مەنبەسى ئىشەنچىلىكتۇر. دەرۋەقە، دائېش ئەزاسى تېررورىستلار رەققەدىن پالمىراغا قاراپ يۈرۈش قىلدى، رۇسىيە كۈچلىرى بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، دائېشنىڭ ئاپتوموبىل ئەترىتىگە ھۇجۇم قىلدى.»

ئۇ يەنە، دائېش نىشانلىرىغا زەربە بېرىشنىڭ قانۇنلۇق ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئېنىقلاپ چىقىلغان يەردىلا زەربە بېرىلىدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر