رۇسىيە پالمىرادىكى دائېش نىشانلىرىغا ئاق دېڭىزدىكى ئۇرۇش پاراخوتلىردىن باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتتى

رۇسىيە ئاق دېڭىزدىكى ئۇرۇش پاراخوتلىرىدىن پايدىلىنىپ سۈرىيەنىڭ پالمىرا رايونىدىكى دائېش نىشانلىرىنى بومباردىمان قىلدى.

742864
رۇسىيە پالمىرادىكى دائېش نىشانلىرىغا ئاق دېڭىزدىكى ئۇرۇش پاراخوتلىردىن باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ئاق دېڭىزدىكى رۇسىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئادمېرال ئېسسېن ئۇرۇش پاراخوتى بىلەن كراسنودار سۇ ئاستى پاراخوتلىرىنىڭ پالمىرادىكى دائېش نىشانلىرىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، پالمىرادىكى دائېش نىشانلىرىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېتىلىدىغانلىقى توغرىسىدا تۈركىيە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە ئىسرائىلىيە ئارمىيەلىرىگە مەخسۇس قاناللار ئارقىلىق دەرھال ئۇچۇر بېرىلگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

باياناتقا ئاساسلانغاندا، پالمىرانىڭ شەرقىدىكى بومبا ئېتىلغان جايلارنىڭ ئارىسىدا راققەدىن يوللانغان كۆپ ساندا تېررورچى بىلەن ئېغىر تىپلىق قوراللار ئورۇنلاشتۇرۇلغان جايلارمۇ بار ئىكەن.

كرېمىل باياناتچىسى دىمىترىي پېسكوۋمۇ رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇنىڭ پىرېزىدېنت ۋىلادىمىر پۇتىنغا پالمىرادىكى غەلىبىلىك ھەربىي ھەرىكەت توغرىسىدا دوكلات بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە مەزكۇر ھەرىكەتنىڭ تۈنۈگۈن كېچە ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر