جامە قۇرۇلۇشىغا رۇخسەت قىلمىغان بازارلىق ھۆكۈمەت تۆلەم تۆلىدى

ئامېرىكىنىڭ نىيۇ جېرسىي ئىشتاتىدا جامە لايىھەسىنى رەت قىلغان بېرناردس بازارلىق ھۆكۈمىتى، قىلىنىۋاتقان ئەرزلەرگە قارىتا كېلىشىش يولىنى تۇتۇپ، ئەرزدار مۇسۇلمانلار تەشكىلاتىغا 3.25 مىليون دوللار تۆلەم تۆلەشنى قوبۇل قىلدى.

742963
جامە قۇرۇلۇشىغا رۇخسەت قىلمىغان بازارلىق ھۆكۈمەت تۆلەم تۆلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىنىڭ نىيۇ جېرسىي ئىشتاتىدا، «باسكىڭ رىج ئىسلامىي جەمئىيىتى» ناملىق بىر تەشكىلات بۇندىن تۆت يىل بۇرۇن، بېرناردس بازىرىدا جامە سېلىش ئۈچۈن قۇرۇلۇش پىلانىدا «ئىبادەت ئورنى» دەپ تىزىمغا ئېلىنغان يەرنى سېتىۋالغان. بازارلىق ھۆكۈمەت بۇنىڭغا ھەر خىل سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ، جامە سېلىنىشىغا رۇخسەت قىلمىغان.

باسكىڭ رىج ئىسلامىي جەمئىيىتى 2016-يىلى ئاپرېل ئېيىدا ئايرىمىچىلىق قىلىنغاننى ئىلگىرى سۈرۈپ، بازارلىق ھۆكۈمەت ئۈستىدىن فېدېراتسىيە سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنغان. بازارلىق ھۆكۈمەت 2016-يىلى نويابىر ئېيىدا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئۆزىگە قارشى ئاچقان دەۋانىڭ تەسىرىدە مۇرەسسەلىشىش يولىنى تاللىۋالغان. بازارلىق ھۆكۈمەت ھەر ئىككى ئەرزنىڭ قايتۇرۇۋېلىنىشى بەدىلىگە باسكىڭ رىج ئىسلامىي جەمئىيىتىگە 3.25 مىليون دوللار تۆلەم تۆلەشنى قوبۇل قىلغان.

نەتىجىدە، نىيۇ جېرسىي باش تەپتىش ۋەكىلى بايانات ئېلان قىلىپ، بازارلىق ھۆكۈمەتنىڭ جامە لايىھەسىنى رەت قىلىش بىلەن مۇسۇلمانلارغا ئايرىمىچىلىق قىلغانلىقىنى، كېلىشىش ئارقىلىق بۇ خاتالىقنىڭ تۈزىتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

كېلىشىمنىڭ باشقا جايلاردىكى ئوخشاش مەسىلىگە دۇچ كەلگەن ئىسلامىي تەشكىلاتلار ئۈچۈن ئۈلگە بولىدىغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.

نىيۇ جېرسىينىڭ باشقا رايونلىرى بىلەن مىشىگان ۋە ۋىرجىنىيە ئىشتاتلىرىدا جامە قۇرۇلۇشى ئۈچۈن رۇخسەت ئالالمىغان ئىسلامىي جەمئىيەتلەر بار ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر