ئارگېنتىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى

ئارگېنتىنا پىرېزىدېنتى ماكرى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سۇسانا مالكوررانىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

742219
ئارگېنتىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ماكرى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، مالكوررانىڭ خۇسۇسىي سەۋەبلەر تۈپەيلى ئىستېپا بەرگەنلىكىنى ۋە ئائىلىسىگە تېخىمۇ يېقىن تۇرۇش ئۈچۈن ئىسپانىيەنىڭ پايتەختى مادرىدقا كۆچىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئىچكى كابېنت سېكرېتارى ماركوس پېنامۇ مالكوررانىڭ ئىسپانىيەدىكى ئۆيىدە تۇرۇپ، ھۆكۈمەتكە مەسلىھەت بېرىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مالكوررانىڭ ۋەزىپىسىنى ئارگېنتىنانىڭ پارىژدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جورج فائۇرىې ئۆتكۈزۈۋالىدىكەن.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى ب د ت  نىڭ سابىق باش كاتىپى بان كىمۇننىڭ كاتىپى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن مالكوررا، 2015 – يىلى ئارگېنتىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا تەيىنلەنگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر