«تۈركىيە تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە مۇھىم دۆلەت»

ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى كرىستىيان بېرگېر تۈركىيەنىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۈچۈن مۇھىم شېرىك دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

742093
«تۈركىيە تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە مۇھىم دۆلەت»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى بېرگېر تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا كېلەركى ئايلاردا ئېنېرگىيە ساھەسى بويىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىن ئۈچۈن ترابزونغا يېتىپ كېلىپ، مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى ۋە تېررورلۇققا قارشى كۈرەش مەسىلىسىنى تىلغا ئالدى.

بېرگېر بۇ ھەمكارلىقنىڭ ئەھمىيىتى ئۈستىدە توختىلىپ: «ئەزا دۆلەتلەر ئۈچۈن چەت ئەللىك تېررورىستلارنىڭ چېگرادىن ئۆتۈشىگە يول قويمايدىغان ۋە ھەر ئىككى تەرەپكە پايدىلىق بىر قاتار تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش ئىنتايىن مۇھىم. بۇ مەقسەت بىلەن، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا پىلانلىق ھالدا دىيالوگ ئۆتكۈزۈلمەكتە ۋە مىنىستىرلىقلاردىكى مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر بىر يەرگە جەم بولماقتا. شۇڭا، يېقىن ھەمكارلىق ئورنىتىۋاتقانلىقىمىزنى ئېيتالايمىز» دېدى.

مۇساپىرلارغا ياردەم قىلىش مەقسىتىدە 3 مىليارد ياۋرولۇق توختامنى تۈزۈش مەسىلىسىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن بېرگېر 2017-2016-يىللىق مەزگىلدە تەمىنلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ بىريۇسسېلدا ئۈچ ئايدا بىر قېتىم بۇ مەقسەتتە يىغىن ئاچقانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، بولۇپمۇ سۈرىيەلىك مۇساپىرلارغا قارىتىلغان سەھىيە خىزمەتلىرى دائىرىسىدە داۋالاش ئورۇنلىرىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

بېرگېر مائارىپ مىنىستىرلىقى بىلەن ئىجرا قىلىنىۋاتقان لايىھەلەر دائىرىسىدە مۇساپىرلارغا تەلىم-تەربىيە بېرىلىدىغان ئورۇن ۋە مەكتەپلەرنىڭ ئېچىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ: «ئوخشاشلا يەنە، ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەشكە ياردەم قىلىش پىلان قىلىنىۋاتىدۇ. بۇ دائىرىدە، سۈرىيەلىك ئوقۇتقۇچىلارنى تۈركچە، ئەرەبچە ۋە ياۋروپا تىللىرىدا بالىلارنى تېخىمۇ ياخشى ئوقۇتۇشى ئۈچۈن تەربىيەلەش پىلان قىلىنىۋاتىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر