ئامېرىكا شىمالىي كورېيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرىغا قاراپ تۇرمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى شىمالىي كورېيەنىڭ ئارقا-ئارقىدىن باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىشىغا قاراپ تۇرمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

740937
ئامېرىكا شىمالىي كورېيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرىغا قاراپ تۇرمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيە دىپلوماتىك بېسىملارنىڭ ئەكسىچە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

پىيوڭياڭ ھاكىمىيىتى ئايروپىلان سوقار ئورۇنلاشتۇرۇلغان بىر باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىپ چىقتى.

شىمالىي كورېيە پىرېزىدېنتى كىم جۇڭ-ئۇن بۇ قېتىمقى سىناققا ئۆزى بىۋاستە قوماندانلىق قىلدى. 

بۇ قېتىمقى سىناقنىڭ كۆرۈنۈشلىرى دۆلەتلىك تېلۋىزىيە قانىلى تەرىپىدىن نەق مەيداندىن تارقىتىلدى.

كىم جۇڭ-ئۇن  سىناقتىن كېيىن  بۇ يېڭى قورال سىستېمىسىنىڭ ھەسسىلەپ ئىشلەپچىقىرىلىشى ئۈچۈن ئالاقىدار ئورۇنلارغا يوليۇرۇق بەردى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىمۇ شىمالىي كورېيەنىڭ بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىشىغا قاراپ تۇرمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.  

دونالد ترامپ ھاكىمىيىتى تەدبىر مەقسەتلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىشقا تەييارلانماقتا.

پىلانلانغان سىناقنىڭ ئالدىمىزدىكى ھەپتە ئېلىپ بېرىلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

بۇ ئارىلىقتا، شىمالىي كورېيە يەنە بىر قېتىم باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ باردى.

ئامېرىكا ئارمىيە باش قوماندانلىق ئىشتابى تىنچ ئوكيان قوماندانلىقى،  قىسقا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ شىمالىي كورېيەنىڭ ۋونساندىكى ھەربىي بازىسىدىن قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ۋە 6 مىنۇتتىن كېيىن ياپون دېڭىزىغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ياپونىيە بىلەن جەنۇبىي كورېيە شىمالىي كورېيەنىڭ بۇ قېتىمقى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارنامىلىرىگە ئوچۇقتىن-ئوچۇق خىلاپلىق قىلىش بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

ياپونىيە باش مىنىستىرى شىنزو ئابې شىمالىي كورېيەنىڭ بۇ قېتىمقى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى توغرىسىدا بايانات بېرىپ مۇنداق دېدى: «گ 7 دۆلەت گۇرۇھى بۇ قېتىمقى ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىندا شىمالىي كورېيەنىڭ خەلقئارادا ئېغىر مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلدى. شىمالىي كورېيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىشىغا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن ئامېرىكا بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىمىز.»

ئىتالىيەدە ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرى چاقىرىلغان گ-7 دۆلەت گۇرۇھى ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا ئىشتىراك قىلغان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى  دونالد ترامپ ۋە ياپونىيە  باش مىنىستىرى ئابې ئۇچرىشىشىدا شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىروگراممىلىرىمۇ كۈنتەرتىپكە كەلدى.

دونالد ترامپ كۆرۈشۈشتە مۇنداق دېدى: «بۇ ئالدىمىزدىكى قىيىن مەسىلىدۇر، شۇنداقلا دۇنيانىڭ مەسىلىسىدۇر، بۇ مەسىلىنى چوقۇم ھەل قىلىمىز، ئىشەنمىسەڭلار قول باغلاشساڭلار بولىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر