ئامېرىكىدا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بېرىپ 8 ئادەم ئۆلدى

ئامېرىكىنىڭ مىسىسىپى ئىشتاتىدا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بېرىپ، مۇئاۋىن ساقچى باشلىقىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 8 ئادەم قازا قىلدى.

741423
ئامېرىكىدا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بېرىپ 8 ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىسىپى ئىشتاتلىق تەكشۈرۈش ئىدارىسى باياناتچىسى ۋارېن سترېين شەنبە كۈنى ئايرىم - ئايرىم ئۈچ ئۆيدە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا مۇئاۋىن ساقچى باشلىقىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 8 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھۇجۇمدىن كېيىن Corby Godbolt  ئىسىملىك زوراۋان قولغا چۈشتى، ئۇ تۇتۇلغاندىن كېيىن ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، بۇنىڭدىن تولىمۇ ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى، قەبىھ قىلمىشنى سادىر قىلغانلىقى ئۈچۈن ياشاش ھوقۇقىنىڭ يوقلۇقىنى ئېيتتى، ئوقى تۈگەپ كېتىپ، ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلۈشنى ئۈمىد قىلغانلىقىنى، تىرىك قولغا چۈشۈشنى ئويلاپ باقمىغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر