ئىسلامئاباد: ئىران تەرەپتىن ئېتىلغان زەمبىرەك ئوقىدا بىر پۇقرا ئۆلدى

ئىسلامئاباد، ئىران چېگرا مۇھاپىزەتچىلىرى تەرىپىدىن پاكىستان تەۋەلىكىگە ئېتىلغان زەمبىرەك ئوقىدا بىر پۇقرانىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

740724
ئىسلامئاباد: ئىران تەرەپتىن ئېتىلغان زەمبىرەك ئوقىدا بىر پۇقرا ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران چېگراسىدىن ئېتىلغان زەمبىرەك ئوقىنىڭ چېگرادىكى پانجگۇر رايونىدا كېتىۋاتقان بىر ئاپتوموبىلغا تەگكەنلىكى قەيت قىلىندى. ۋەقەدىن كېيىن پاكىستان ئىرانغا كۈچلۈك ئەيىبلەش مەكتۇپى يوللىدى.

ئىككى دۆلەت ئالاقىدار ئەمەلدارلىرىنىڭ بۇ مەسىلە توغرىسىدا ئۇچرىشىپ سۆھبەت ئۆتكۈزىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ئىران بىلەن پاكىستان ئارىسىدا بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ۋەقەلەر يۈز بەرگەنىدى.

تېھران دائىرىلىرى، ئىسلامئابادنى چېگرادىكى گۇرۇپپىلارغا قارشى يېتەرلىك دەرىجىدە كۈرەش قىلماسلىق بىلەن ئەيىبلەپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر