پۇتىن ئەلىيېۋغا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىدى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن جۇمھۇرىيەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋغا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىدى.

740796
پۇتىن ئەلىيېۋغا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن جۇمھۇرىيەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋغا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللاپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ۋە كەڭ دائىرىلىك سىياسىي دىيالوگقا يۇقىرى بەردى.

كرېمىل سارىيىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پۇتىن جۇمھۇرىيەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەلىيېۋغا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللاپ، رۇسىيە – ئەزەربەيجان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك شېرىكچىلىك روھىغا ماس ھالدا دىنامىك شەكىلدە گۈللەنگەنلىكىنى قەيت قىلغان.

پۇتىن، مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئىككى دۆلەت خەلقىگە پايدىلىق بولىدىغان شۇنداقلا رايوننىڭ مۇقىملىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى كۈچلەندۈرىدىغان شەكىلدە راۋاجلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن، ئەزەربەيجاننىڭ ئىقتىسادىي، سىياسىي، ئىلىم – پەن ۋە باشقا ساھەلەردىكى ئۇتۇقلىرى بىلەن خەلقئارا سەھنىدىكى نوپۇزى شۇنداقلا خەلقئارانىڭ كۈنتەرتىپىدىكى ساقلىنىۋاتقان يېڭى مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشىدا ئوينىغان رولىغىمۇ ئالاھىدە ئىشارەت قىلىپ ئۆتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر