7 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلىرى بەزى مەسىلىلەردە كېلىشتى، بەزى مەسىلىلەردە كېلىشەلمىدى

دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى 7 سانائەتلەشكەن دۆلىتىنىڭ دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرىنى ئۆزئارا ئۇچراشتۇرغان 43- نۆۋەتلىك تەرەققىي تاپقان 7 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى ئىتالىيەنىڭ سىجىليا ئارىلىدىكى تائورمىنا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى.

740657
7 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلىرى بەزى مەسىلىلەردە كېلىشتى، بەزى مەسىلىلەردە كېلىشەلمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 7 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى تېررورىزمغا قارشى كۈرەش مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلغان بولسىمۇ، كىلىمات ئۆزگىرىشى مەسىلىسىدە كېلىشەلمىدى.

سۈرىيە ، لىۋىيە، شىمالىي كورېيە دېگەندەك مۇھىم تاشقى سىياسەت مەسىلىلىرى توغرىسىدا كېلىشكەن رەھبەرلەر يەنە، ئافرىقا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش؛ ئۇكرائىنادىكى مەسئۇلىيەتلىرىنى ئادا قىلمىغان تەقدىردە رۇسىيەگە يېڭى ئېمبارگولارنى يۈرگۈزۈش قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدىمۇ بىردەكلىك ھاسىل قىلدى.

يىغىندا كۆچمەنلەر مەسىلىسى ۋە ئەركىن سودا دېگەندەك نۇقتىلار بويىچىمۇ قىسمەن ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىندى. بىراق، كىلىمات ئۆزگىرىشى مەسىلىسىدە بولسا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن قالغان 6 دۆلەت كېلىشەلمىدى؛ شۇنداق قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ پارىژ كىلىمات ئەھدىنامىسىغا رىئايە قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ – داۋاملاشتۇرمايدىغانلىقى ئېنىقسىز پېتى قالدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئارقىلىق بايانات بېرىپ، كېلىشىم توغرىسىدىكى ھەل قىلغۇچ قارارىنى ئالدىمىزدىكى ھەپتە چىقىرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر