گىرېتسىيە ھۆكۈمىتى جامە سەۋەبىدىن بۆلۈنۈپ كەتتى

گىرېتسىيە پارلامېنتىدا پايتەخت ئافېنادا تۇنجى قېتىم رەسمىي رۇخسەت بىلەن سېلىنغان جامەگە مۇناسىۋەتلىك قارار لايىھەسى ھۆكۈمەتنى پارچىلىۋەتتى.

740015
گىرېتسىيە ھۆكۈمىتى جامە سەۋەبىدىن بۆلۈنۈپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جامەنىڭ باشقۇرۇش ھەيئىتى، پائالىيەتلىرى ۋە ئىقتىسادىغا مۇناسىۋەتلىك لايىھە، پارلامېنتتا ئۇزۇنغىچە تالاش-تارتىش قىلىنغاندىن كېيىن تەستىقلاندى. گىرېتسىيە بىرلەشمە ھۆكۈمەت ئىچىدىكى سيرىزا پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى لايىھەگە قوللاپ ئاۋاز بەرگەن بولسا، مۇستەقىل گىرېتسىيەلىكلەر پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى لايىھەگە قارشى چىقتى. بۇنىڭدىن باشقا، ئاشقۇن ئوڭچى «ئالتۇن شەپەق» پارتىيەسىمۇ لايىھەنى رەت قىلدى.

لايىھەگە ئاساسلانغاندا، جامەنى باشقۇرۇش ئىشلىرى، مائارىپ ۋە مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئىككى خادىمى، شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئىككى خادىمى، ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ بىر نەپەر سوتچىسى ۋە مۇسۇلمان جامائەتلەرنىڭ ئىككى ۋەكىلىدىن تەشكىللەنگەن يەتتە ئەزالىق بىر كېڭەشكە تاپشۇرۇلىدىكەن.

ۋوتانىكوس مەھەللىسىدىكى دېڭىز ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابىغا تەۋە ئىشلىتىلمىگەن بىر جايدا قۇرۇلۇشى داۋاملىشىۋاتقان جامەنىڭ چوڭلۇقى تەخمىنەن 850 كىۋادراتمېتىر بولۇپ، 350 ئەتراپىدا كىشى بىرلا ۋاقىتتا ئىبادەت قىلالايدۇ. جامەگە مۇنار چىقىرىلمايدۇ، قۇرۇلۇشى ئۈچۈن 887مىڭ ياۋرو ئاجرىتىلغان.

ياۋروپادا ئىبادەتكە ئېچىلمىغان بىردىنبىر پايتەخت ھېسابلىنىدىغان ئافېنادىكى جامە قۇرۇلۇشى توغرىسىدا قارارنامەلەر چىقىرىلغان بولسىمۇ، ھۆكۈمەت ئىچىدىكى رەسمىيەت باسقۇچلىرىنىڭ ئۇزىرىشى، قانۇنىي توسقۇنلۇقلار ۋە ئاشقۇن ئوڭچى قاتلامنىڭ نارازىلىقلىرى سەۋەبىدىن باشلىنالمىغان ئىدى.

ئافېنادىكى مۇسۇلمانلار ئىبادەتلىرىنى ئۆز ئىمكانىيەتلىرى يول قويغان دائىرىدە سېلىۋالغان يەر ئاستى مەسچىتلىرىدە قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر