خىتاي ئامېرىكىنىڭ ئۇرۇش پاراخوتىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

خىتاي باشقۇرۇلىدىغان بومبا پاچاقلاش سىستېمىلىرى بىلەن قوراللانغان ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە پاراخوتىنىڭ جەنۇىبي خىتاي دېڭىزىدىكى تاقىم ئاراللىرى ئەتراپىدا چارلاش ئېلىپ بېرىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

739417
خىتاي ئامېرىكىنىڭ ئۇرۇش پاراخوتىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى رىن گوچىياڭ پايتەخت بېيجىڭدا چاقىرغان جىددىي ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، خىتاي ئارمىيەسىگە تەۋە 2 ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ رايونغا يوللانغانلىقىنى ۋە ئامېرىكىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا پاچاقلاش پاراخوتى «USS Dewey»نىڭ رايوننى تاشلاپ چىقىپ كېتىشى ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرۇشتا بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

رىن گوچىياڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تاقىم ئاراللىرى ۋە ئەتراپىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا مۇنازىرىسىز بىر شەكىلدە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەرىكىتى ئارقىلىق رايوننىڭ ھەربىي رايونغا ئايلىنىشىغا سەۋەب بولغانلىقىنى، رايوندىكى ئايروپىلان ۋە پاراخوتلارنىڭ بىر - بىرىگە سوقۇلۇپ كېتىشىگە سەۋەب بولۇشى مۇمكىنلىكىنى تىلغا ئالدى.

رىن گوچىياڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتىگە قەتئىي قارشى ئىكەنلىكلىرىنى ۋە بۇ ئەھۋاللارنىڭ پەقەت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قابىلىيەتلىرىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇشىغا شۇنداقلا ئىگىلىك ھوقۇقىنى تېخىمۇ بەك مۇداپىئە قىلىشىغا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى. 

خىتاي 1947 – يىلىدا ئېلان قىلىنغان 9 كېسىك سىزىقلىق خەرىتىنى ئاساس قىلىپ، جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا رايوننىڭ تەخمىنەن %80 نىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ ئۆزىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلىپ كەلمەكتە. 

رايوندا ئۆزىنى قوغداش ھوقۇقىنى خەلقئارا قانۇنغا بىنائەن ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى ئىلىگىرى سۈرۈش ئارقىلىق ھەربىي بازىلارنى ياساۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى «Spratly» تاقىم ئاراللىرى ئىچىدىكى «Subi Resifi» (Cubiciao)، «Fiery Cross Resifi» (Yongşudao) ۋە «Mischief Resifi» (Meciciao) ناملىق ياسالما ئاراللارنى پەيدا قىلغاندىن سىرت، «Paracel» (Şişa) تاقىم ئاراللىرى ئىچىدىكى «Moody» (Yongşingdao) ئارىلىنىمۇ ھەربىي ۋە خەلق ئىشلىتىدىغان ئايروپىلان ئىستانسىسىغا ئايلاندۇرىۋالغان ئىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر