فىرانسىيەدە جىددىي ھالەت مۇددىتىنى يەنە ئۇزارتىش تەلەپ قىلىندى

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون پارلامېنتتىن جىددىي ھالەت مۇددىتىنى يەنە ئۇزارتىشنى تەلەپ قىلدى.

738331
فىرانسىيەدە جىددىي ھالەت مۇددىتىنى يەنە ئۇزارتىش تەلەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون پارلامېنتتىن جىددىي ھالەتنىڭ مۇددىتىنى 1-نويابىرغىچە ئۇزارتىشنى تەلەپ قىلدى.

ئەنگلىيەدىكى تېررورلۇق ۋەقەسىدىن كېيىن فىرانسىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى پىرېزىدېنت ئېممانۇئېل ماكروننىڭ باشچىلىقىدا ئېلىيسې سارىيىدا چاقىرىلدى.

يىغىندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «پىرېزىدېنت ماكرون پارلامېنتتىن 15-ئىيۇلدا ئاخىرلىشىدىغان جىددىي ھالەتنىڭ مۇددىتىنى 1-نويابىرغىچە ئۇزارتىشنى ۋە ئالدىمىزدىكى ھەپتىلەردە تېررورىزىمغا قارشى كۈرەش توغرۇلۇق قانۇن لايىھەسى تەييارلىنىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.»

باياناتتا ماكروننىڭ تېرروىزىمغا قارشى كۈرەشكە ئاكتىپ قاتنىشىۋاتقان ئورگانلار ئوتتۇرسىدا كۈچلۈك ئالاقە ئورنىتىش ئۈچۈن دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە قاراشلىق بىر ئورگان تەشكىل قىلىشنى قارار قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

پارىژدا 2015-يىلى 13-نويابىردا 130 كىشىنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن  كېيىن جىددىي ھالەت ئېلان قىلىنغانىدى.

فىرانسىيەدە بۇلتۇر 14-ئىيۇلدا 84 كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن كېيىن، جىددىي ھالەت مۇددىتىنى يەنە ئۇزارتىش قارار قىلىنغانىدى.

فىرانسىيەدە ھازىرغىچە 5 قېتىم جىددىي ھالەتنىڭ مۇددىتى ئۇزارتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر