برېننان: رۇسىيە ئامېرىكا سايلىمىغا «ئەخلاقسىزلارچە مۇداخىلە» قىلدى

ئامېرىكا ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى – CİA نىڭ سابىق دىرېكتورى جون برېننان، رۇسىيەنىڭ ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۆتكەن يىلقى پىرېزىدېنتلىق سايلىمىغا «ئەخلاقسىزلارچە مۇداخىلە» قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

738307
برېننان: رۇسىيە ئامېرىكا سايلىمىغا «ئەخلاقسىزلارچە مۇداخىلە» قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: CİA نىڭ سابىق دىرېكتورى جون برېننان، ئاۋام پالاتا ئىستىخبارات كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا، پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ «رۇسىيەنىڭ ئامېرىكا سايلىمىغا مۇداخىلە قىلىپ – قىلمىغانلىقى» توغرىسىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. ئۇ، رۇسىيەنىڭ 8 – نويابىر (2016) دىكى پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدىن ئىلگىرى دونالد ترامپنىڭ ئەتراپىدىكى كۆپلىگەن كىشىلەر بىلەن ئالاقە ئورنىتىش قاتارلىق ھەر خىل شەكىللەردە ئامېرىكا سايلىمىغا «ئەخلاقسىزلارچە مۇداخىلە قىلغانلىقى» نى ئەسكەرتتى.

جون برېننان، «بىزنىڭ ناھايىتى ئېغىر شەكىلدە بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈشىمىز ۋە ئاگاھلاندۇرۇشىمىزغا قارىماي (رۇسىيە) بۇ ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇردى» دېدى. ئۇ يەنە، ترامپنىڭ سايلام دولقۇنىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن بەزى كىشىلەرنىڭ سايلامدىن ئىلگىرى رۇسىيە بىلەن ئالاقە ئورناتقان ياكى ئورناتمىغانلىقىغا ئالاقىدار بىر سوئالغا، «ترامپنىڭ سايلام سەپەرۋەرلىك پائالىيىتىگە قاتناشقان بەزى ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ رۇسىيە بىلەن ئۇچۇر ۋە ئىستىخبارات ئورتاقلاشقانلىقىنى بىلىمەن. رۇسىيەنىڭ بۇ كىشىلەرنى ئىندەككە كەلتۈرۈۋېلىشى مېنى كۈچلۈك ئەندىشىگە سالماقتا ئىدى. رۇسىيەنىڭ بۇ كىشىلەر بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش ئېھتىمالى بارلىقى توغرىسىدا مېڭەمدە سوئاللار پەيدا بولغانىدى، بىراق رۇسىيەنىڭ بۇنىڭغا مۇۋەپپەق بولغان ياكى بولمىغانلىقىنى بىلمەيمەن» دەپ جاۋاب بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر