ب د ت، شىمالىي كورېيەنى دىيالوگ يولىنىڭ ئېچىلىشىغا ياردەمچى بولۇشقا چاقىردى

ب د ت شىمالىي كورېيەنى يادرو سۆھبەتلىرىنىڭ يولىنى ئېچىش ئۈچۈن باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىشقا خاتىمە بېرىشكە چاقىردى.

737405
ب د ت، شىمالىي كورېيەنى دىيالوگ يولىنىڭ ئېچىلىشىغا ياردەمچى بولۇشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت  باش كاتىپى باياناتچىسى ستېفانې دۇجاررىك كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، شىمالىي كورېيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرىنىڭ رايون ۋە خەلقئارانىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە «شىمالىي كورېيەنى مۇھىم دىيالوگنىڭ قايتىدىن باشلىنىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىش ئۈچۈن، باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرىنى توختىتىشقا چاقىرىمىز» دېدى.

ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشى بۈگۈن ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورېيەنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن شىمالىي كورېيەنىڭ ئاخىرقى قېتىملىق باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى توغرىسىدا يېپىق يىغىن ئۆتكۈزىدۇ. ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشى، يادرو پىلانى تۈپەيلى شىمالىي كورېيەگە 2006 – يىلىدىن بۇيان ھەر خىل ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي ئېمبارگولارنى يۈرگۈزۈپ كەلمەكتە.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى شىمالىي كورېيەگە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئېمبارگولارنىڭ ئېغىرلاشتۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلماقتا. شىمالىي كورېيە بولسا، باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرىنىڭ «مۇداپىئە مەقسەتلىك» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

شىمالىي كورېيە يەكشەنبە كۈنىدىكى ئوتتۇرا مۇساپىلىك باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر