ترامپ ئىراننىڭ ئوتتۇراشەرقتە پېتنە-پاسات تېرىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئىراننىڭ ئوتتۇراشەرق رايونىدا پېتنە-پاسات تېرىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

736392
ترامپ ئىراننىڭ ئوتتۇراشەرقتە پېتنە-پاسات تېرىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئىراننىڭ ئوتتۇرا شەرقتە كىرىزىس ۋە پېتنە—پاسات تېرىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

دونالد ترامپ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پايتەختى رىيادتىكى پادىشاھ ئابدۇلئەزىز خەلقئارا كۆرگەزمە زالىدا چاقىرىلغان «ئامېرىكا-ئەرەب ۋە ئىسلام دۆلەتلىرى ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنى»دا 50دىن ئارتۇق ئەرەب ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرىگە خىتاپ قىلىپ مۇنداق دېدى: «ھەممىمىزگە تېخىمۇ پارلاق  كەلگۈسى بەرپا قىلىش ۋە ئورتاق مەنپەئەتلەر ۋە قىممەت-قاراشلارنى چىقىش قىلغان ھالدا ھەمكارلىق ئورنىتىش ئۈچۈن بۇ يەرگە يىغىلدۇق.»

ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىدا رادىكاللىقىنى يوق قىلىش ئۈچۈن ھەر قايسى مىللەت ۋە دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىشنى تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان دونالد ترامپ، ئامېرىكىنىڭ كونا دوستلۇقىنى كۈچەيتىش ۋە تىنچلىقنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن يېڭى ئىتتىپاقداش كۈچلەر ئىزدەيدىغانلىقىغا ۋەدە بەردى.

تېررورىزىمغا قارشى كۈرەشلەرنىڭ ئوخشىمىغان ئېتىقادلار ئوتتۇرىسىدىكى ئەمەس ياخشى بىلەن يامان ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش ئىكەنلىكىنى  ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتكەن دونالد ترامپ، ھەر قانداق دۆلەتنىڭ تېررورزىمنى زېمىندىن يوق قىلىش ۋەزىپىسى بارلىقىنى بىلدۈردى.

ئوتتۇرا شەرقتە يۈز يىللاردىن بۇيان خىرىستىيان، مۇسۇلمان ۋە يەھۇدىيلارنىڭ بىرلىكتە ياشاپ كېلىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتقان دونالد ترامپ، خۇشپېئىللىق ۋە ئۆز-ئارا ھۆرمەتنى قايتىدىن بەرپا قىلىش لازىملىقىنى ئەسكەرتتى.

دونالد ترامپ ھەر قايسى دۆلەتلەرنى سۈرىيەدىكى ئىنسانىي كىرىزىسلەرگە خاتىمە بېرىش، رايوندا مۇقىملىق بەرپا قىلىش ۋە دائېشنىڭ يىلتىزىنى قۇرۇتۇپ تاشلاش ئۈچۈن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشقا چاقىردى.

ئىران دۆلىتىنىڭ رايوندىكى زوراۋانلىقىنىڭ قۇربانلىرىنىڭ دەل ئىران خەلقى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان دونالد ترامپ، تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرىپ كېلىۋاتقان ئىران خەلقىنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكىلەرنىڭ توقۇنۇش ۋە ئۇرۇشنىڭ كويىدا يۈرۈشلىرى تۈپەيلى  ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ئىكەنلىكلىرىنى دېدى.

دونالد ترامپ بەششار ئەسەدنىڭ سۈرىيەدە ئىراننىڭ قوللىشى بىلەن ئىزاھلاش مۇمكىن بولمايدىغان قورقۇنچ جىنايەتلەرنى سادىر قىلغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى: «ئىران ھاكىمىيىتى دۇنيا تېررورىزىمىغا باشلامچىلىق قىلىپ،  رايوندا كىرىزىس ۋە پېتە-پاسات تېرىۋاتىدۇ.»

ئىران ھۆكۈمىتى دونالد ترامپنىڭ ئىران توغرۇلۇق ئېيتقان سۆزلىرىگە دەرھال ئىنكاس قايتۇردى.

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەۋاد زارىف ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادېرىسىدا  دونالد تراپقا نارازىلىق بىلدۈرۈپ مۇنۇ ئۇچۇرنى تارقاتتى: «ئىران تېخى يېقىندا ھەققىي مەنىدە سايلام ئۆتكۈزدى، بىراق دېموكراتىيە ۋە مۆتىدىللىقنىڭ بۆشۈكى ھېسابلىنىدىغان ئامېرىكا دۆلىتىنىڭ نۆۋەتتىكى پىرېزىدېنتىنىڭ ھۇجۇملىرىغا ئۇچرىماقتا.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر