شىۋېيتسارىيە يادرو ئېنېرگىيەسىدىن ۋاز كېچىش يولىنى تاللىدى

شىۋېيتسارىيەدە تۈنۈگۈن يادرو ئېنېرگىيەسىدىن ۋاز كېچىپ قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيەنى قوللاش مەسىلىسى بويىچە ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

شىۋېيتسارىيە يادرو ئېنېرگىيەسىدىن ۋاز كېچىش يولىنى تاللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىۋېيتسارىيەدە تۈنۈگۈن يادرو ئېنېرگىيەسىدىن چىقىپ قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيەنى قوللاش مەسىلىسى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتىدە خەلقنىڭ %58.2 قوللاپ بېلەت تاشلىدى. بۇنىڭغا ئاساسەن، شىۋېيتسارىيەدە بۇنىڭدىن كېيىن يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىنىڭ تەسىس قىلىنىشى مەنئىي قىلىنىپ، قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيەگە ئاجرىتىلىدىغان مەبلەغنىڭ مىقدارى ئاشۇرۇلىدۇ.

مەۋجۇت 5 يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى تەكشۈرۈش ئارقىلىق بىخەتەرلىكى دەلىللەنسىلا، خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. بۇ قانۇن ئالدىمىزدىكى يىلدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدۇ.

ئالاقىدار تارماقلار، شىۋېيتسارىيەدىكى بارلىق يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىنىڭ تاقىۋېتىلىشىنىڭ 15 يىل داۋاملىشىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتمەكتە. شىۋېيتسارىيەدە 2029 – يىلىغىچە پۈتكۈل ئىستانسىلارنىڭ تاقىۋېتىلىشى بويىچە نويابىر ئېيىدا ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن بولسىمۇ، خەلقنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتمىگەنىدى.

شىۋېيتسارىيەدە ئېنېرگىيەنىڭ %60 ى نۇقتىلىق ھالدا سۇ ۋە شامالدىن ھاسىل قىلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر