ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى جىددىي توپلىنىدۇ

ئەتە (22-ماي) ب د ت (بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى) خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ شىمالىي كورېيەنىڭ ئاخىرقى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى قىلغانلىقى توغرىسىدا جىددىي توپلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

736553
ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى جىددىي توپلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئەتە (22-ماي) شىمالىي كورېيەنىڭ ئاخىرقى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى توغرىسىدا جىددىي توپلىنىدۇ.

دىپلوماتىك مەنبەلەردە قەيت قىلىنىشىچە، پىيوڭياڭنىڭ يادرو پىروگراممىسى ۋە ئاخىرقى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئاخباراتقا يېپىق شەكىلدە مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن.

جەنۇبىي كورېيە تۈنۈگۈن (20-ماي) پىيوڭياڭنىڭ يېڭىدىن باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇنىڭغا قارىتا، ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورېيە خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىن توپلىنىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

جەنۇبىي كورېيە ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابى باياناتىدا، شىمالىي كورېيەنىڭ جەنۇبىي پىيوڭئەن شەھىرىنىڭ پۇكچاڭ رايونىغا يېقىن جايدىن «نامى ئېنىق بولمىغان» بىر باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى قويۇپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. باياناتتا، باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ تەخمىنەن 500 كىلومېتىر ئۇچۇپ دېڭىزغا چۈشكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن ئىدى.

شىمالىي كورېيە باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەنلىكىنى توغرىلىدى ۋە «2-پۇكگۇكسوڭ» ناملىق ئوتتۇرا ۋە ئۇزۇن مۇساپىلىق بالستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا سىناق قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى يادرو پىروگراممىسى سەۋەبىدىن شىمالىي كورېيەگە 2006-يىلدىن بۇيان ھەر خىل ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي ئېمبارگولارنى يۈرگۈزۈپ كەلمەكتە.

ئامېرىكا شىمالىي كورېيەگە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئېمبارگولارنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. شىمالىي كورېيە بولسا، بالستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرىنىڭ «ئۆزىنى قوغداش» نى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر