«ياۋروپا ئىتتىپاقى ئېغىر مەسىلىلەرگە دۇچ كەلمەكتە»

ياۋروپا پارلامېنتى باشلىقى ئانتونىئو تاجانى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئېغىر مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

736192
«ياۋروپا ئىتتىپاقى ئېغىر مەسىلىلەرگە دۇچ كەلمەكتە»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاجانى كىرودىيەگە قاراتقان تۇنجى رەسمىي زىيارىتى دائىرىسىدە كىرودىيە پارلامېنت باشلىقى گوردان جاندروكوۋىچ بىلەن كۆرۈشتى. پارلامېنت بىناسىدىكى ئۇچرىشىشتا، ياۋروپا پارلامېنتى بىلەن كىرودىيە پارلامېنتى ئارىسىدىكى ھەمكارلىق، بالقان ئەللىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى، تېررورلۇق خەۋپى، مۇساپىرلار كىرىزىسى ۋە كىرودىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى فوندىنى توغرا ئىشلىتىپ، ئىقتىسادىنى كۈچەيتىشى قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى.

تاجانى بىلەن جاندروكوۋىچ، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا ئەللەرنىڭ سىياسىي مۇقىملىقى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئورگانلىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پۇقرالارنىڭ ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈرۈشىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى لايىھەسىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە گۈللەندۈرۈشنىڭ شەرتى ئىكەنلىكى توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلدى.

ياۋروپا پارلامېنتى باشلىقى تاجانى قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئېغىر مەسىلىلەرگە دۇچار بولۇۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلغان ھالدا، «بۇلار ئېغىر دەرىجىدىكى ياش ئىشسىزلىق، تېررورلۇق تەھدىتلىرى ۋە مۇساپىرلار ئېقىنى قاتارلىقلاردۇر» دېدى.

كىرودىيەنىڭ بۇ قالايمىقان رايوننىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش جەھەتتە ئاچقۇچلۇق ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلغان تاجانى، «بەزى نامزات دۆلەتلەر بار. باشقا دۆلەتلەردىكى ئۇرۇشلاردىن كۆپلىگەن تەھدىتلەرنى ئېلىپ كېلىۋاتقان چەت ئەللىك جەڭچىلەر بار. شۇڭا رايوننىڭ مۇقىملىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ناھايىتى مۇھىم ھېسابلىنىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

كىرودىيە پارلامېنت باشلىقى جاندروكوۋىچمۇ رايوننىڭ باشقا ئەللىرىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش مۇساپىسى توغرىسىدىمۇ توختىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇشنى خالايدىغان رايوننىڭ بارلىق دۆلەتلىرىنىڭ كېرەكلىك شەرتلەرنى ھازىرلىشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر