ئامېرىكىنىڭ ب د ت دە تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى نىكى ھېيلى تۇنجى چەت ئەل زىيارىتىنى تۈركىيە ۋە ئىيوردانىيەگە ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

735002
ئامېرىكىنىڭ ب د ت دە تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھېيلى 19 – 25- ماي كۈنلىرى ئىككى دۆلەتكە قىلىدىغان زىيارىتىدە، يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر بىلەن سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇش سەۋەبىدىن ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان مۇساپىرلار ۋە ئۇلارنى باغرىغا بېسىۋاتقان دۆلەتلەرگە ئامېرىكىنىڭ قانداق ياردەم قىلىشى مەسىلىسىدە سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ، ھەمدە ھەر ئىككى دۆلەتتىكى مۇساپىرلار لاگېرلىرى ۋە كۆچمەنلەر تەربىيەلىنىۋاتقان مەكتەپلەرنى ئېكسكۇرسىيە قىلىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، تۈركىيە تەخمىنەن 3 مىليون، ئىيوردانىيە 659 مىڭ سۈرىيەلىك كۆچمەنگە ساھىبخانىلىق قىلماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر