سايلام ۋاقتىدىكى رۇسىيە دەۋاسى ترامپنىڭ بېشىنى ئاغرىتىشقا باشلىدى

ئامېرىكىدا رۇسىيەنىڭ 2016-يىلى 8-نويابىر ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنتلىق سايلاملىرىغا قول تىققانلىقى توغرىسىدىكى دەۋالارنى تەكشۈرۈشكە، فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) نىڭ سابىق باشلىقى روبېرت مۇللېرنى مەسئۇل قىلدى.

734644
سايلام ۋاقتىدىكى رۇسىيە دەۋاسى ترامپنىڭ بېشىنى ئاغرىتىشقا باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئۆتكەن ھەپتە FBI نىڭ باشلىقى جېيمېس كومىنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىغاندىن كېيىن، رۇسىيەگە مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈش ئىشلىرىغا ئالاھىدە تەپتىش خادىمىنىڭ مەسئۇل قىلىنىشى توغرىسىدا قىلىنغان چاقىرىقلارغا ئىنكاس قايتتى. ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى FBI نىڭ سابىق باشلىقى روبېرت مۇللېرنىڭ تەكشۈرۈشكە مەسئۇل بولۇشى ئۈچۈن ئالاھىدە ھوقۇقلۇق تەپتىش خادىملىقىغا تەيىنلەنگەنلىكىنى ئۇقتۇردى. ۋەزىپىگە تەيىنلەش قارارىنى ھەم جۇمھۇرىيەتچى ھەمدە دېموكرات سىياسەتچىلەر ئىجابىي قارشى ئالدى.

مەسئۇل دائىرىلەر، ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ يوليورۇقى ئاستىدا خىزمەت قىلىدىغان مۇللېرنىڭ پىرېزىدېنت ترامپ تەرىپىدىن ئاسان قايىل قىلالمايدىغان كىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر