مېكسىكىدا خۇسۇسىي ئايروپىلان چۈشۈپ كەتتى
مېكسىكىدا Learjet 25B تىپلىق خۇسۇسىي ئايروپىلان نامەلۇم سەۋەب بىلەن چۈشۈپ كەتتى.
734836
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تولۇجا خەلقئارا ئايرودۇرۇمى دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋەقەدە ئۇچقۇچى بىلەن ياردەمچى ئۇچقۇچى قازا قىلغان بولۇپ، ئايروپىلان مېكسىكىنىڭ 30 كىلومېتىر غەربىدىكى ئايرودۇرۇمدىن تەخمىنەن 185 مېتىر يىراقلىقتا چۈشۈپ كەتكەن.
ئىگىلىنىشىچە، ۋەقە تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغان.