بىرمادا 11 نەپەر ئاراكانلىق مۇسۇلمان نازارەتكە ئېلىندى

بىرمانىڭ ياڭون شەھىرىدە ئاراكان ئۆلكىسىدىن قاچقان 11 ئاراكانلىق مۇسۇلمان نازارەتكە ئېلىندى.

735003
بىرمادا 11 نەپەر ئاراكانلىق مۇسۇلمان نازارەتكە ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ساقچى مەسئۇلى ۋىن نىياڭ ئادەم ئەتكەسچىلىرى تەرىپىدىن ياڭونغا ئېلىپ كېلىنگەن ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئائۇڭ مىڭالار ئاپتوبۇس بېكىتىدە قولغا چۈشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ۋىن نىياڭ ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ بېكەتتە ئۆزلىرىنى ئالدى بىلەن بىرمادىن تايلاندقا، ئاندىن مالايشىياغا ئاپىرىپ قويماقچى بولغان ئادەم ئەتكەسچىلىرىنى كۈتكەنلىكىنى ۋە بۇلارنىڭ قانۇنسىز دۆلەتكە كىرىش جىنايىتى بىلەن جازاغا تارتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋىن نىياڭ ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئادەم ئەتكەسچىلىرىنى تۇتۇشتا ساقچىلارغا ھەمكارلاشقانلىقىنىمۇ قەيت قىلدى.

تايلاندنىڭ جەنۇبىدىكى سوڭخىلا ئۆلكىسىدە 2015 – يىلى ئادەم ئەتكەسچىلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان مەخپىي لاگىردا، 32 نەپەر ئاراكانلىق مۇسۇلماننىڭ جەسىتى تېپىلغاندىن كېيىن، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى كۆچمەنلەرنىڭ پاجىئەلىرى پۈتۈن دۇنيانىڭ كۈنتەرتىپىدىن ئورۇن ئالغان ئىدى.

ئاراكانلىق مۇسۇلمانلار ۋە باڭلادىشلىقلاردىن تەركىپ تاپقان كۆچمەنلەرنىڭ ئادەم ئەتكەسچىلىرى تەرىپىدىن ئۇچۇق دېڭىزدا كىمىلەرگە تولدۇرۇلۇپ ئۆلۈمگە ئىتتىرىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر