ئافغانىستاندا دۆلەت تېلۋىزىيە ئىدارىسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

ئافغانىستاننىڭ شەرقىگە جايلاشقان نانگارھار ۋىلايىتىنىڭ جەلالئاباد شەھىرىدە دۆلەت تېلۋىزىيە بىناسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى.

734061
ئافغانىستاندا دۆلەت تېلۋىزىيە ئىدارىسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاننىڭ شەرقىگە جايلاشقان نانگارھار ۋىلايىتىنىڭ جەلالئاباد شەھىرىدە دۆلەت تېلۋىزىيە قانىلى بىناسى ھۇجۇمغا ئۇچراپ 1 ئادەم ئۆلدى ، 14 ئادەم يارىلاندى.

نانگارھار ۋالىي مەھكىمىسى باياناتچىسى ئاتاۋۇللاھ ھوگيانى زوراۋانلاردىن ئىككىسىنىڭ بىنانىڭ ئىشىكى ئالدىدا بەدىنىگە تېڭىۋالغان بومبىنى پارتلاتقانلىقىنى، ئۈچىنچى زوراۋاننىڭ بولسا بىنانىڭ ئىچىگە كىرىپ ئەتراپقا ئوق چىقارغانلىقىنى، شۇنداقلا زوراۋان بىلەن ساقچىلارنىڭ بىر مەھەل توقۇنۇشقانلىقىنى ئېيتتى.

جەلالئاباد دوختۇرخانىسى باش مۇدىرى ناجىبۇللاھ كاماۋال ھۇجۇمدا بىر كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، ھۇجۇمدا يارىلانغان 14 كىشىنىڭ داۋالىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ قېتىمقى ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ھازىرغىچە ھېچكىم ئۈستىگە ئالمىدى.

دۆلەت تېلۋىزىيە بىناسىنىڭ نانگارھار ۋالىي مەھكىمىسىگە يېقىن جايدا ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر