ئەردوغان بىلەن ترامپنىڭ ئۇچرىشىشى چەت ئەل ئاخباراتلىرىدا كەڭ ئورۇن ئالدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشغا چەت ئەل ئاخباراتلىرىمۇ كەڭ ئورۇن ئاجراتتى.

733886
ئەردوغان بىلەن ترامپنىڭ ئۇچرىشىشى چەت ئەل ئاخباراتلىرىدا كەڭ ئورۇن ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «CNN» تېلېۋزىيەسى ئىككى رەھبەرنىڭ ئۇچىرىشىشتىن كېيىن چاقىرغان قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنى چاقماق خەۋەر سۈپىتىدە نەق مەيداندىن تارقاتتى.

نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتىنىڭ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن بىرلىكتە چاقىرغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىكى باياناتلارنى باش بەتتە ئېلان قىلدى.

خەۋەرگە «ترامپ تېررورلۇققا قارشى كۈرۈشتە ئەردوغاننى ئىتتىپاقداش دەپ مەدھىيەلىدى» دېگەن سەرلەۋھە ئىشلەتتى.

نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە يەنە «پىرېزىدېنت ترامپ تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى ئىسلامىي ئاشقۇنلۇققا قارشى كۈرەشتە ئەڭ ئىشەنچلىك ئىتىتىپادىشىمىز دەپ ماختىدى» دېگەن سۆزلەرگىمۇ ئورۇن ئاجرىتىلدى.

«ئەلجەزىرە» جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ترامپ بىلەن ئاقسارايدا ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىدا ئۆزئارا ھەر خىل تېمىلارنى مۇزاكىرىلەشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ دۆلەتلىك مېدىيا ئورگىنى «Deutsche Welle» ترامپنىڭ قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىكى باياناتلىرىغا كەڭ ئورۇن ئاجراتتى. 

«Deutsche Welle» ترامپنىڭ تۈركىيە بىلەن بولغان ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەرنىڭ مۈكەممەل ئىكەنلىكىنى ۋە كەلگۈسىدە تېخىمۇ تەرەققىي قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرىتسىيەنىڭ  ئالدىنقى قاتاردىكى نوپۇزلۇق گېزىتلىرىدىن «Kathimerini» بولسا، تۈركىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرقنى مۇقىمسىزلاشتۇرماقچى بولغان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى ئورتاق كۈرەش ئۈچۈن ۋەدىلەشكەنلىكىنى يازدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر