«Shadow Brokers» خاككېرلار گۇرۇپپىسى خىتاينىڭ بېشىنى ئاغرىتماقتا

«Shadow Brokers» خاككېرلار گۇرۇپپىسى، بەزى دۆلەتلەرنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە يادرو لايىھەلىرىگە ئالاقىدار قولغا چۈشۈرگەن سانلىق مەلۇماتلارنى ئىيۇن ئېيىدىن باشلاپ ئېلان قىلىشقا باشلايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

734099
«Shadow Brokers» خاككېرلار گۇرۇپپىسى خىتاينىڭ بېشىنى ئاغرىتماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇيېتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، «ShadowBrokers» ناملىق خاككېرلار گۇرۇپپىسى، خىتاي، رۇسىيە ۋە شىمالىي كورېيەگە تەۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە يادرو لايىھەلىرىگە ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلارنى ئاشكارىلايدىغانلىقىنى ئېيتىپ تەھدىت سالماقتا.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، «Shadow Brokers» خاككېرلار گۇرۇپپىسى، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى «NSA» نىڭ جاسۇسلۇق پىروگراممىلىرىنى ئوغرىلاشنىڭ جاۋاپكارلىقىنىمۇ ئۆز ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، بۇ قېتىم خىتاي، رۇسىيە ۋە شىمالىي كورېيەدىن قولغا چۈشۈرگەن سانلىق مەلۇماتلارنى ئاشكارىلايدىغانلىقىنى ئېيتىپ تەھدىت سالدى.

«Shadow Brokers» خاككېرلار گۇرۇپپىسى يەنە، خالىغان كىشىلەرنى ئىزدەش موتورى، تور يۈزلەندۈرگۈچ پىروگراممىسى ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلارغا ھۇجۇم قىلىش پىروگراممىلىرى بىلەنمۇ تەمىنلەيدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى. 

«Shadow Brokers» خاككېرلار گۇرۇپپىسى «Windows 10» سىستېمىسىنىڭ ئىلگىرى بىلىنمىگەن بىخەتەرلىك يوچۇقلىرىنى ھەممەيلەن ئېرىشەلەيدىغان ھالغا كەلتۈرۈپ قويۇش نىيىتىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. 

«Microsoft» شىركىتى، «Shadow Brokers» خاككېرلار گۇرۇپپىسىنىڭ تەھدىتلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن تەييارلىق قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر