شىۋېتسىيەدىكى بىر مۇساپىرلار ئورنىدا ئوت ئاپىتى يۈز بەردى

شىۋېتسىيەنىڭ ۋېشجۆ شەھىرىدىكى 200 ئادەم تۇرىدىغان بىر مۇساپىرلار ئورنىدا ئوت ئاپىتى يۈز بەردى.

734193
شىۋېتسىيەدىكى بىر مۇساپىرلار ئورنىدا ئوت ئاپىتى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىۋېتسىيە رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى ت ت نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى مەسئۇلى جواكىم كارلسون، يېرىم كېچىدە باشلىغان ئوت ئاپىتىگە 3 ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىسى بىلەن مۇداخىلە قىلىنغانلىقىنى، ياغاچتىن ياسالغان قۇرۇلۇش پۈتۈنلەي كۈلگە ئايلانغان بولسىمۇ، ۋاقتىدا بوشىتىلغانلىقى ئۈچۈن ۋەقەدە ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلارنىڭ يوقلۇقىنى ئېيتتى.

ساقچىلارنىڭ ئوت ئاپىتىنى تەكشۈرۈشكە باشلىغانلىقى، مۇساپىرلار ئورنىغا ئوت قويۇپ بېرىلگەن بولۇش ئېھتىمالى توغرىسىدا شۈبھە بارلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر