نېگىرىيەدە تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارامدىن 12 مىڭ پۇقرا قۇتقۇزۇۋېلىندى

نېگىرىيەدە تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارامغا قارشى 8 يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان كۈرەش جەريانىدا 12 مىڭ پۇقرا قۇتقۇزۇلدى.

733957
نېگىرىيەدە تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارامدىن 12 مىڭ پۇقرا قۇتقۇزۇۋېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نېگىرىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مانسۇر دان ئەلى ئېلان قىلغان باياناتىدا، نېگىرىيە ئارمىيەسىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەشلىرىنى ئۈزۈلدۈرمەي داۋاملاشتۇرغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ئامانلىقنى ساقلاش قىسىملىرى 2009 – يىلىدىن بۇيان 12 مىڭ كىشىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارامدىن قۇتقازدى» دېدى.

تېررورلۇق تەشكىلاتىدىن قۇتقۇزۇپ قىلىنغان كىشىلەرنىڭ ئاساسلىق كۆپ قىسمىنىڭ ئاياللار ۋە كىچىك بالىلار ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان مانسۇر دان ئەلى، بوكو ھارامنىڭ يېقىنقى 8 يىلدىن بۇيان تەخمىنەن 100 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشىغا سەۋەب بولغانلىقىنى ئېيتتى.

نېگىرىيەدە 2000 – يىلىنىڭ باشلىرىدىن بۇيان مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ۋە رەھبىرى مۇھەمەد يۈسۈف تۈرمىدە ئۆلگەندىن كېيىن، 2009 – يىلى ئومۇمىي يۈزلۈك زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى باشلىغان بوكو ھارام تەشكىلاتى، نۇرغۇن كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشىغا جاۋابكار دەپ قارالماقتا.

تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارام ئالدىنقى يىلىدىن بۇيان زوراۋانلىق پائالىيەتلىرىنى قوشنا دۆلەتلەردىن كامېرۇن، بەنىن، جاد ۋە نېگىرگە يۈزلەندۈرگەن ئەھۋالدا تۇرماقتا.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر