خىتايدا بىر پارتلاتقۇچ زاۋۇتى پارتلاپ كەتتى
خىتايدىكى پارتلاتقۇچ زاۋۇتىدا يۈز بەرگەن پارتلاشقا ئالاقىدار تەكشۈرۈشلەر داۋاملاشماقتا.
733991

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتايدا پارتلاتقۇچ زاۋۇتىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا 5 كىشى ئۆلدى ۋە 1 كىشى يارىدار بولدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە كۆرە، پارتلاش خىتاينىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان خۇنەن ئۆلكىسىگە قاراشلىق لىنلى ناھىيەسىدىكى «Mintay Black Dynamite Limited LiabilityCorp» شىركىتىگە تەۋە زاۋۇتتا يۈز بەرگەن.
5 كىشى ئۆلۈپ، 1 كىشى يارىدار بولغان پارتلاشتىن كېيىن زاۋۇتقا قۇتقۇزۇش ئەترىتى ۋە سەھىيە خادىملىرى ئەۋەتىلدى.
ساقچىلار شىركەتنىڭ ۋەكىلىنى نازارەتكە ئالدى. پارتلاشقا ئالاقىدار تەكشۈرۈشلەر داۋاملاشماقتا.