ئامېرىكا، ترامپنىڭ مەخپىي ئۇچۇرلارنى لاۋروۋ بىلەن ئورتاقلاشقانلىقى توغرىسىدىكى دەۋالارنى رەت قىلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ «مەخپىي ھۆججەتلەرنى رۇسىيە بىلەن ئورتاقلاشقانلىقى» توغرىسىدىكى دەۋالار رەت قىلىندى.

733213
ئامېرىكا، ترامپنىڭ مەخپىي ئۇچۇرلارنى لاۋروۋ بىلەن ئورتاقلاشقانلىقى توغرىسىدىكى دەۋالارنى رەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بىلەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ چارشەنبە كۈنى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشى توغرىسىدا ئامېرىكا تاراتقۇلىرىدا ھەر خىل دەۋالار ئورۇن ئالدى؛ ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بىر خەۋەردە، ترامپنىڭ لاۋروۋ بىلەن بەزى <قەتئىي مەخپىي> ئۇچۇرلارنى ئورتاقلاشقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسون بىلەن دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى خېربېرت ر.ماكماستېر بۇ دەۋالارنى رەت قىلدى؛ تىللېرسون، «پىرېزىدېنت ترامپ بىلەن لاۋروۋ ئارىسىدىكى ئۇچرىشىشتا، تېررورىزمغا قارشى ئورتاق كۈرەش ۋە بۇ دائىرىدىكى بىر قاتار مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى، بىراق مەنبەلەر، ھەربىي ھەرىكەتلەر ۋە مېتودلار توغرىسىدا سۆز بولمىدى» دېدى.

ماكماستېرمۇ مەزكۇر دەۋالارنى قەتئىي رەت قىلىپ، «مەنمۇ ئۇ يەردە ئىدىم ۋە بۇنداق بىر ئىش بولمىدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر