ئىيوردانىيە، مىسىر ۋە پەلەستىن دائىرىلىرى ئامماندا بىر يەرگە جەم بولدى

ئىيوردانىيە، مىسىر ۋە پەلەستىن دائىرىلىرى ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسى ئۈچۈن ئىيوردانىيەنىڭ پايتەختى ئامماندا بىر يەرگە جەم بولدى.

732631
ئىيوردانىيە، مىسىر ۋە پەلەستىن دائىرىلىرى ئامماندا بىر يەرگە جەم بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يىغىنغا مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سامىھ شۈكرى، ئىيوردانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەيمەن ئەسسافەدى ۋە پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى باش كاتىپى سائىب ئۇرەيقات قاتارلىقلار ئىشتىراك قىلدى.

مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يىغىندا ئىسرائىلىيە – پەلەستىن تىنچلىق مۇساپىسىنى قوللاشنىڭ چارە – تەدبىرلىرى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپنىڭ ماي ئېيىدا رايونغا قىلىدىغان زىيارىتى ھارپىسىدا ئۈچ تەرەپلىك مىخانىزم تۇرغۇزۇش قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.

يىغىندا يەنە، ئىسرائىلىيەدىكى ھەرقايسى تۈرمىلەردە ئاچلىق ئېلان قىلىۋاتقان پەلەستىنلىك تۇتقۇنلار مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنغان ھەمدە ئىسرائىلىيەنىڭ تۇتقۇنلارنىڭ ئىنسانىي ۋە ئادىل تەلەپلىرىنى قاندۇرۇشى لازىملىقى تەكىتلەنگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر