بىر بەلباغ ۋە بىر يول لايىھەسى خەلقئارا مۇنبىرىدە تىنچلىق ۋە ئىتتىپاقلىق تەكىتلەندى

بېيجىڭدا چاقىرىلغان بىر بەلباغ ۋە بىريول لايىھەسى خەلقئارا مۇنبىرىدە تىنچلىق، ئىتتىپاقلىق ۋە تەرەققىيات تەكىتلەندى.

732129
بىر بەلباغ ۋە بىر يول لايىھەسى خەلقئارا مۇنبىرىدە تىنچلىق ۋە ئىتتىپاقلىق تەكىتلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بېيجىڭدا چاقىرىلغان بىر بەلباغ ۋە بىر يول لايىھەسى خەلقئارا ھەمكارلىق مۇنبىرىدە پۈتكۈل دۇنيادا تىنچلىق، تەرەققىيات ۋە باياشاتچىلىق بەرپا قىلىش ئۈچۈن ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىق ئىچىدە ھەرىكەت قىلىش لازىملىقى بىردەك تەكىتلەندى.

 جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بولۇپ 29 دۆلەتنىڭ دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى ئىشتىراك قىلغان  بىر بەلباغ ۋە بىر يول لايىھەسى خەلقئارا ھەمكارلىق مۇنبىرىدە،  دۆلەتلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ھەل قىلىشتا چارىسىز قېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەمكارلىق ئىچىدە ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى.

پايتەخت بېيجىڭدىكى يەنچى كۆلىدە چاقىرىلغان بىر بەلباغ ۋە بىر يول لايىھەسى خەلقئارا ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ ئىككىنچى كۈنىدە  ئۆتكۈزۈلگەن يۇمىلاق ئۈستەل رەھبەرلەر يىغىنىدا سۆز قىلغان شى جىنپىڭ خەلقئارادا ئىقتىساد، تەرەققىيات، خوش- پېئىللىق ۋە ئەركىن سودا قاتارلىقلارنى كۈچەيتىشكە ئوخشاش ساھەلەرنىڭ بىر بەلباغ ۋە بىر يول لايىھەسىنىڭ ئاساسلىق نىشانلىرى ئىچىدە ئىكەنلىكىنى ۋە مەزكۇر لايىھە ئارقىلىق  ھەر قايسى دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ كۈچىيىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شى جىنپىڭ مەزكۇر لايىھەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن تەستىقلانغان 2030 سىجىل تەرەققىيات نىشانلىرىغىمۇ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ساھىبخانلىقىدا چاقىرىلغان بىر بەلباغ ۋە بىر يول لايىھەسى خەلقئارا ھەمكارلىق مۇنبىرىگە 130 دۆلەت ۋە 70 خەلقئارا ئورگاندىن 1500 ۋەكىل ئىشتىراك قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر