قۇددۇستا ياشلار پەلەستىنلىك مەھبۇسلارنى قوللاپ كوچىلارغا چىقتى
ئسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ قاتتىق مۇداخىلىسى سەۋەبىدىن 6 كىشى يارىدار بولدى ۋە 14 كىشى ئىس-تۈتەكتە نەپەستىن توختاپ قىلىشتەك خەۋپلەرنى باشتىن كەچۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاچلىق ئېلان قىلغان پەلەستىنلىك مەھبۇسلارنى قوللاش ئۈچۈن قۇددۇسنىڭ ئەبۇ دىس رايونىدا نامايىش ئۆتكۈزگەن ياشلارغا ئسرائىلىيە ئەسكەرلىرى قاتتىق مۇداخىلە قىلدى.
ئسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ قاتتىق مۇداخىلىسى سەۋەبىدىن 6 كىشى يارىدار بولدى ۋە 14 كىشى ئىس-تۈتەكتە نەپەستىن توختاپ قىلىشتەك خەۋپلەرنى باشتىن كەچۈردى.
پەلەستىن قىزىلئاي جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا: «ئىسرائىلىيە تۈرمىلىرىدە ئاچلىق ئېلان قىلغان پەلەستىنلىك مەھبۇسلارنى قوللاش ئۈچۈن ئەبۇ دىس رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى قاتتىق قوللۇق بىلەن مۇداخىلە قىلدى» دېيىلدى.
باياناتتا، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ مۇداخىلىسى سەۋەبىدىن 6 كىشىنىڭ پىلاستىك ئوق تېگىپ يارىدار بولغانلىقى، 14 كىشىنىڭ نەپەستىن توختاپ قىلىشتەك خەۋپلەرنى باشتىن كەچەرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
ئىسرائىلىيە تۈرمىلىرىدە تەخمىنەن 2000 غا يېقىن پەلەستىنلىك مەھبۇس ئىسرائىلىيەنىڭ خالىغانچە بەلگىلىمىلەرنى يولغا قويۇپ، كىشىلىك ھەق-ھەقۇقنى دەپسەندە قىلىشنى توختىتىپ، مەھبۇسلارنىڭ تۇرمۇش شارائىتلىرىنى ياخشىلاپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ، 17–ئاپرىلدا ئاچلىق ئېلان قىلىش ھەرىكىتىنى باشلىغان ئىدى.