تۈركىيە ياۋروپا ئۈچۈن ئىستراتېگىيەلىك شېرىك دۆلەت

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى مالتانىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جورج ۋېللا، تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئۈچۈن ئستراتېگىيەلىك شېرىك دۆلەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

730759
تۈركىيە ياۋروپا ئۈچۈن ئىستراتېگىيەلىك شېرىك دۆلەت

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مالتانىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جورج ۋېللا ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، تۈركىيە-ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرى ئۈستىدە توختالدى. ئۇ باياناتىدا، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنىڭ كېلەچىكىگە تۈرك خەلقى ۋە مەسئۇللىرىنىڭ قارار بېرەرلەيدىغانلىقىنى؛ مەسىلىگە بۇنداق قاراشنىڭ تۈركىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش يۈزىسىدىن ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

جورج ۋېللا 2017-يىلى 28-ئاپرېل مالتادا ئېچىلغان ۋە تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ قاتناشقان يىغىندا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيە بىلەن ئالاقە يوللىرىنى ئوچۇق تۇتۇشنى خالايدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، تۈركىيە بىلەن كۆرۈشۈشكە ۋە مەسىلىلەرنى تالاش-تارتىش قىلىشقا ئوچۇق ئىكەنلىكلىرىنى تەكىتلىدى.

ئۇ چىقىرىلغان بەزى قارارلارنىڭ مۇناسىۋەتلەرگە زىيان سېلىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنىڭ كىشىنى قايغۇغا سالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا كۈچلۈك مۇناسىۋەت بار. تۈركىيە ياۋروپا ئۈچۈن ئىستراتېگىيەلىك شېرىك دۆلەت، شۇڭا مەسىلىلەرنى دىپلوماتىك ئۇسۇللار بىلەن مۇھاكىمە قىلىشىمىز لازىم» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر