دائېش ھەرگىزمۇ ئىسلامغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ

تۈركىيە ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى پولكاۋنىك گېنېرال خۇلۇسى ئاقار: «دائېش ھەرگىزمۇ ئىسلامغا ۋە مۇسۇلمانلارغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ» دېدى.

730511
دائېش ھەرگىزمۇ ئىسلامغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېنېرال خۇلۇسى ئاقار ئافىنادا ئۆتكۈزۈلگەن 11 – نۆۆۋەتلىك بالقان دۆلەتلىرى ئارمىيە باش قوماندانلىرى كونفېرانسىغا قاتناشتى.

 گېنېرال خۇلۇسى ئاقار تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە دۆلەتلەر ۋە ھەر قايسى خەلقئارالىق ئورگانلارنىڭ ئورتاق ھەرىكەت قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، «تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى بىر - بىرىدىن ئايرىپ ئولتۇرۇش تولىمۇ خاتا. بۇنىڭ ئەڭ كونكېرت مىسالىنى سۈرىيە كىرىزىسىدە كۆردۈق. 2011 – يىلدا باشلانغان كىرىزىسكە ئالاقىدار بىز بايقىغان تەھدىتلەر بۇلارغا قارشى يولغا قويۇشقا تېگىشلىك تەدبىرلەرنى ھەممەيلەن بىلەن ئورتاقلاشتۇق، بىراق ئەينى چاغدا كېرەكلىك قەدەملەر تاشلانمىدى» دېدى.

گېنېرال خۇلۇسى ئاقار ئەينى چاغدا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلماسلىق ۋە ئاكتىپ ھەرىكەت قىلماسلىق سەۋەبىدىن تېخىمۇ چوڭ چىقىملارغا دۇچ كېلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «بەزى دۆلەتلەر كىرىزىسنىڭ رايون بىلەنلا چەكلىنىپ قالىدىغانلىقىنى ۋە ئۆزلىرىگە تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشۈپ، ھەرىكەتكە ئۆتۈشتىن قاچتى. ئاخىرىدا كىرىزىس بۇ دۆلەتلەرنىڭمۇ بوسوغىسىغا بېرىپ تاقاشتى» دېدى. 

رايوندا تېررورچىلارغا ۋە تېررورىزمغا قارشى ئەڭ كۆپ كۈرەش قىلغان دۆلەتنىڭ تۈركىيە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن خۇلۇسى ئاقار: «بۇ كۈرەشتە فىرات قالقىنى ھەرىكىتى ۋە باشىكادا 3000 دىن ئارتۇق تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى. دائېش ھەرگىزمۇ مۇسۇلمانلارغا ۋە ئىسلامغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. فەتھۇللاھچى تېررولۇق تەشكىلاتىغا ئوخشاش پ ك ك، پ ي د، ي پ گ ۋە دائېشقا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان نەتىجىلىك كۈرەشتە، دوست، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ تېخىمۇ ئاكتىپ بىر شەكىلدە توغرا يۆنىلىشتە، <بىر تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى يەنە بىر تېررورلۇق تەشكىلاتىنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ> دېگەن ئاڭ بىلەن بۇ كۈرەشكە ھەسسە قوشۇشىنى كۈتمەكتىمىز» دېدى.  

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر