ترامپ لاۋروۋ بىلەن كۆرۈشىدۇ

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بۈگۈن رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى سېرگېي لاۋروۋنى ئاقسارايدا قوبۇل قىلىدۇ.

729282
ترامپ لاۋروۋ بىلەن كۆرۈشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ترامپ – لاۋروۋ ئۇچرىشىشىدا سۇرىيە مەسىلىسى ۋە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىشى كۈتۈلمەكتە.

يەنە بىر تەرەپتىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسون بىلەن رۇسىيەلىك مەنسەپدېشى سېرگېي لاۋروۋنىڭ ئۇچرىشىدىغانلىقىنى؛ ئۇچرىشىشتا سۇرىيە خەلقىگە ئىنسانپەرۋەر ياردەم يەتكۈزۈپ بېرىش ۋە ئىچكى ئۇرۇشقا سىياسىي يوللار ئارقىلىق خاتىمە بېرىش، شۇنداقلا ئۇكرائىنادىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ توختىتىلىشى قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر