شىۋېيتسارىيەنىڭ پ ك ك شەرمەندىچىلىكى

پۇرسەت تاپسىلا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى  پ ك ك ۋە گۇماشتىلىرىنى قوللاپ كېلىۋاتقان شىۋېيتسارىيە شەرمەندىلەرچە يەنە بىر قەدەم تاشلىدى.

728556
شىۋېيتسارىيەنىڭ پ ك ك شەرمەندىچىلىكى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىۋېيتسارىيە بېرندە 25 – مارت كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن يىغىلىشتا ئېسىلغان ۋە جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ھۇجۇم نىشانى قىلىنغان لوزۇنكىغا جازا بېرىلمەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

بېرن شەھەرلىك ھۆكۈمەت مەزكۇر يىغىلىش توغرۇلۇق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن، لوزۇنكا مەسىلىسىدە نامايىش ۋە يىغىلىش ئۆتكۈزۈش قانۇنىنىڭ ئاياغ ئاستى قىلىنمىغانلىقىنى جاكارلىدى.

بېرن شەھەرلىك ساقچىلار تەپتىش مەھكىمىسىمۇ شۇ قېتىمقى يىغىلىشنى تەشكىللىگۈچىلەرنى تەكشۈرۈشنىڭ تاماملانغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن، بۇ مەسىلىنىڭمۇ ئاخىرلاشقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى شىۋېيتسارىيەنىڭ ئەنقەرە باش ئەلچىسىنى چاقىرتىپ، مەزكۇر جىنايەتكە قارىتا دەرھال ئەدلىيە جەھەتتىن تەدبىر ئېلىنىشىنى تەلەپ قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر