لاۋروۋ تىللېرسون بىلەن سۈرىيە ۋە ئۇكرائىنا توغرىسىدا سۆزلىشىدۇ
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسون رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋنى كۈتۈۋالىدۇ.
728529
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، تىللېرسون بىلەن لاۋروۋنى 10 – ماي چارشەنبە كۈنى پايتەخت ۋاشىنگتوندا كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. باياناتتا، ئۇكرائىنا ۋە سۈرىيە مەسىلىلىرى كۈنتەرتىپكە كېلىدىغان ئۇچرىشىشتا، ئۇكرائىنادىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ توختىتىلىشى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.
باياناتتا، تىللېرسوننىڭ سۈرىيەدىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ ئازىيىشى، سۈرىيە خەلقىگە ئىنسانپەرۋەر ياردەملەرنى يەتكۈزۈپ بېرىش ۋە ئىچكى ئۇرۇشنى سىياسىي يوللار بىلەن ھەل قىلىش مەسىلىسى قاتارلىق نۇقتىلارنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.