خىتاي مىللىتىدىن بولغان ۋالىي ئىسلامغا ھاقارەت قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ قاماققا ھۆكۈم قىلىندى

ھىندونېزىيەنىڭ پايتەختى جاكارتانىڭ «ئاخوك» لەقەملىك خىرىستىيان ۋالىيسى باسۇكى تجاخاجا پۇرناما، ئىسلام دىنىغا ھاقارەت قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئىككى يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

728544
خىتاي مىللىتىدىن بولغان ۋالىي ئىسلامغا ھاقارەت قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ قاماققا ھۆكۈم قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي جاكارتا رايونلۇق سوت مەھكىمىسى، ئاخوكنىڭ ئىسلامغا ھاقارەت قىلغانلىقىغا ئالاقىدار 5 ئايدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان دېلو توغرىسىدىكى ھۆكۈمنامىسىنى ئېلان قىلدى ۋە ئاخوكنىڭ يۇقىرى سوتقا نارازىلىق ئىلتىماسى سۇنۇش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى قەيت قىلدى.

جاكارتانىڭ ئارىدىن 50 يىل ئۆتكەندىن كېيىن 2014 – يىلى ۋالىيلىققا سايلانغان خىتاي مىللىتىدىن بولغان خىرىستىيان ۋالىيسى ئاخوك، ئۆتكەن يىلىنىڭ سېنتەبىر ئېيىدا قىلغان سۆزى جەريانىدا، مائىدە سۈرىسىنىڭ 51 – ئايىتىنى خاتا ئىزاھلاپ ئىسلامغا ھاقارەت قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەنىدى. ئاخوك، «بەزى گۇرۇپپىلار قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىگە تايىنىپ تۇرۇپ، خەلقنىڭ مېنى سايلىماسلىقىنى تەلەپ قىلماقتا. بۇنداق قىلىش كىشىلەرنى دۆت كۆرۈشتۇر» دېگەنىدى.

ئايەتلەر ئارقىلىق قىلغان سۆزلىرى مۇسۇلمانلارنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىغا ئۇچرىغان ئاخوكنىڭ ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلىنىشىنى تەلەپ قىلىپ، كۆپ قېتىم نارازىلىق نامايىشلىرى ئۆتكۈزۈلگەنىدى.

پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدىن ئىلگىرى جاكارتا ۋالىيسى بولغان جوكو ۋىدودونىڭ مۇئاۋىنى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن، بۇ يىلقى مەھەللىي سايلاملاردا قايتىدىن جاكارتا ۋالىيلىقى ئۈچۈن نامزات ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئاخوك، ئەيىبلەشلەرگە ئۇچرىغاندىن كېيىن مۇسۇلمانلاردىن كەچۈرۈم سورىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر