گېنېرال ئاقار ئاق سارايدا ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئارمىيەسى باش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باشلىقى گېنېرال ھۇلۇسى ئاقار ئاق سارايدا ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى گېنېرال ھېربېرت رايموند ماكماستېر بىلەن كۆرۈشتى.

728351
گېنېرال ئاقار ئاق سارايدا ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھۇلۇسى ئاقار دۆلەت خەۋپسىزلىك ۋە ئاخبارات ئورگىنىنىڭ باشلىقى ھاقان فىدان ۋە جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن بىلەن بىرلىكتە ئاق سارايدا ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى گېنېرال ھېربېرت رايموند ماكماستېر باشچىلىقىدىكى ھەيئەت بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىدا، سۈرىيە ۋە ئىراقتىكى ئۆزگىرىشلەر، تېررورىزمغا قارشى كۈرەش، ئامېرىكا – تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى ۋە باشقا بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىنى چۆرىدىگەن ھالدا سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر