رۇسىيە ب د ت غا سۈرىيە قارار لايىھەسى سۇندى

رۇسىيە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە «سۈرىيەدە تۆت بىخەتەر رايون» تەسىس قىلىش توغرىسىدىكى كېلىشىمنى قوللاشنى تەلەپ قىلىپ، قارار لايىھەسى سۇندى.

727736
رۇسىيە ب د ت غا سۈرىيە قارار لايىھەسى سۇندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 4 – ماي قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانىدە چاقىرىلغان يىغىنىدا كاپالەتچى دۆلەتلەر تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىران، «سۈرىيەدە توقۇنۇشماسلىق رايونلىرى» تەسىس قىلىش بويىچە كېلىشكەنىدى. ئاستانىدا ئىمزالانغان كېلىشىمدە، سۈرىيەدىكى ئۆكتىچىلەر ۋە ھاكىمىيەت كۈچلىرى ئارىسىدىكى توقۇنۇشلار ئەڭ ئېغىر بولۇۋاتقان جايلاردا 4 «توقۇنۇشماسلىق رايونى» ۋە بۇ رايونلارنىڭ چېگرالىرىدا «بىخەتەر رايونلار» تەسىس قىلىش قارار قىلىنغانىدى.

سۈرىيەنىڭ 4 يېرىدە بەرپا قىلىنىشى پىلانلىنىۋاتقان توقۇنۇشماسلىق رايونلىرىنىڭ دائىرىسى «ئىدلىب ۋە ئۇنىڭغا قوشنا ۋىلايەتلەر (لازىقىييە، ھاما ۋە ھەلەب) نىڭ بەزى جايلىرى، ھۇمۇس ۋىلايىتىنىڭ شىمالىدىكى قىسمەن جايلار، پايتەخت دەمەشىقتىكى شەرقىي غۇتە، سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى بەزى رايونلار (دەرئا ۋە كۇنەيتىرە ۋىلايەتلىرى)» دەپ بېكىتىلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر