فىرانسىيە پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا ماكرون غەلىبە قىلغان

7-ماي ئۆتكۈزۈلگەن فىرانسىيە پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا، ئېمانۈئېل ماكروننىڭ مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن پىرېزىدېنتلىققا سايلانغانلىقى ئېلان قىلىندى.

727622
فىرانسىيە پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا ماكرون غەلىبە قىلغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيەدە 7-ماي ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ غەيرىي رەسمىي نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا، يۈرۈش ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ماكرون %66 ئاۋازغا ئېرىشكەن. ئاشقۇن ئوڭچى لۆپېن بولسا، %34 ئاۋازغا ئېرىشكەن.

سايلامدىكى مەغلۇبىيىتىنى قوبۇل قىلغان لۆپېن ماكرونغا تېلېفون قىلىپ، ئۇنى تەبرىكلىدى. ماكرونمۇ غەلىبە نۇتقى سۆزلەپ، ئۆزىگە ئاۋاز بەرگەنلەرگە تەشەككۈر ئېيتتى ۋە فىرانسىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئېمانۈئېل ماكرون فىرانسىيەنى قايتىدىن ئىتتىپاقلاشتۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «بىزنى بۆلۈۋەتكەن شەيئىيلەرگە قارشى كۈرەش قىلىمەن» دېدى. ئۇ فىرانسىيە تارىخىدا يېڭى سەھىپىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى، بۇندىن كېيىنمۇ داۋاملىق فىرانسىيە ۋە ياۋروپانى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ تېررورلۇققا قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى ۋە ھازىرقى پىرېزىدېنت فرانسۇا ئولاندقا ئۆزىنى قوللىغانلىقى سەۋەبىدىن ئالاھىدە تەشەككۈر ئېيتتى.

بىرىنچى قېتىملىق سايلامدا شاللىنىپ كەتكەن پىرېزىدېنت نامزاتلىرىنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرگەن 39 ياشلىق ماكرون، سايلامنىڭ رەسمىي نەتىجىلىرى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، فىرانسىيەنىڭ ئەڭ ياش پىرېزىدېنتى بولۇپ قالىدۇ. ئۇ يەنە، ھازىرغىچە پارلامېنت ئەزاسى ياكى بىرەر شەھەرنىڭ شەھەر باشلىقى بولماي تۇرۇپ، پىرېزىدېنت بولغان تۇنجى كىشى بولىدۇ. سايلامنىڭ رەسمىي نەتىجىلىرى فىرانسىيە ئاساسىي قانۇن كېڭىشى تەرىپىدىن 10-ماي ئېلان قىلىنىدۇ. يېڭى پىرېزىدېنت 14-مايغىچە ئولاندىن ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالىدۇ.

بۇ جەرياندا، پىرېزىدېنت ئولاند ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، ماكرون بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكىنى ۋە ئۇنى تەبرىكلىگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئولاند باياناتىدا: «ماكروننىڭ غەلىبىسى كۆپىنچە پۇقرالىرىمىزنىڭ جۇمھۇرىيەتنىڭ مەنىۋى بايلىقلىرى ئەتراپىدا ئۇيۇشۇشنى خالايدىغانلىقىنى، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا چىڭ باغلانغانلىقىنى ۋە دۇنياغا ئېچىلغان فىرانسىيەنى خالايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ» دېدى.

فىرانسىيە باش مىنىستىرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىمۇ ماكرونغا تېلېفون قىلىپ تەبرىكلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر