ھىندونېزىيەدە بىر تۈرمىدىن 200 مەھبۇس قېچىپ كەتتى

تۈرمىدىن قېچىش ۋەقەسىنىڭ يۈز يېرىشىگە تۈرمىدىكى تۇرمۇش شارائىتلىرىنىڭ ناچارلىقى ۋە تۈرمە ساقچىلىرىنىڭ قوپال مۇئامىلىسى سەۋەب بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

726917
ھىندونېزىيەدە بىر تۈرمىدىن 200 مەھبۇس قېچىپ كەتتى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندونېزىيە تۈرمىسىدىن قېچىپ كەتكەن 200 مەھبۇستىن 195 نەپىرى قولغا چۈشتى.

ۋەقە سۇماترا ئارىلى رىئائۇ ئۆلكىسىگە قاراشلىق پېكتانبارۇ رايونىدىكى بىر تۈرمىدە يۈز بەردى.

جۈمە نامىزى ئۈچۈن تۈرمە كامىرلىرىنىڭ ئىشىكلىرى ئېچىلىۋاتقان پەيتتە، 6 تۈرمە ساقچىسىنى ئۇرۇپ ئايلاندۇرۇپ قويغان 200 مەھبۇس تۈرمىدىن قېچىپ كېتىشتە ئۇتۇققا ئېرىشتى.

ۋەقەدىن كېيىن يۈزلىگەن ساقچى ۋە ئەسكەرلەرنىڭ بىرلىكتە ئېلىپ بارغان ئىزدەپ تۇتۇش ھەرىكىتى نەتىجىسىدە قاچقۇن مەھھبۇسلاردىن 195 كىشى تۇتۇلۇپ قايتا تۈرمىگە تاشلاندى. قالغان 5 قاچقۇن مەھبۇسنى ئىزدەپ تۇتۇش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا.

تۈرمىدىن قېچىش ۋەقەسىنىڭ يۈز يېرىشىگە تۈرمىدىكى تۇرمۇش شارائىتلىرىنىڭ ناچارلىقى ۋە تۈرمە ساقچىلىرىنىڭ قوپال مۇئامىلىسى سەۋەب بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر