ئىراق ئارمىيەسى غەربىي شىمالىي مۇسۇلنى قۇتۇلدۇرۇش ھەرىكىتىنى باشلىدى

مۇسۇلنىڭ غەربىي شىمالىنى دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىدىن قۇتۇلدۇرۇش ھەربىي ھەرىكىتى باشلاندى.

725905
ئىراق ئارمىيەسى غەربىي شىمالىي مۇسۇلنى قۇتۇلدۇرۇش ھەرىكىتىنى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇسۇل ھەربىي ھەرىكەتلىرى قوماندانلىق مەركىزىنىڭ قوماندانى لېيتېنانت گېنېرال ئابدۇلئەمىر يارۇللاھ يازما بايانات ئېلان قىلىپ، 9 – بىرونېۋىكلىك قىسىم، 73 – بىرىگادا ۋە فېدېراتسىيە ساقچى ئىدارىسىغا قاراشلىق خادىملارنىڭ مۇسۇلنىڭ غەربىي شىمالىدىكى مىشەرفە، كەنىسە ۋە ھەرمات رايونىغا كىرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ئىراقنىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى بولغان مۇسۇلمان 2014 – يىلى ئىيۇن ئېيىدا دائېشنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتكەنىدى.

ئىراق كۈچلىرى، 2016 – يىلى نويابىردا شەھەرنىڭ شەرقىي قىسمىنى قايتۇرۇپ ئالغان بولۇپ، 19 – فېۋرالدا غەربىي قىسمىنى قايتۇرۇۋېلىش ھەربىي ھەرىكىتىنى باشلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر