ئەنگلىيە باش ۋەزىرى ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ئەيىبلىدى

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرېسا مەي، ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ئالدىمىزدىكى ئايدا ئەنگلىيەدە مۇددەتتىن ئىلگىرى ئۆتكۈزۈلىدىغان ئومۇمىي سايلامغا تەسىر كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇش بىلەن ئەيىبلىدى.

725601
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېرېسا مەي مۇددەتتىن ئىلگىرى ئۆتكۈزۈلىدىغان ئومۇمىي سايلام مۇساپىسىنى رەسمىي باشلىتىش ئۈچۈن، پارلامېنتنىڭ تارقىتىلىشى توغرىسىدا مەلىكە ئىككىنچى ئىلزابىت بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، باش ۋەزىرلىك ئىشخانىسىدا بايانات بەردى. ياۋروپا قىتئەسىدىكى تاراتقۇلارنىڭ ئەنگلىيەنىڭ مۇزاكىرە پوزىتسىيەسىنى خاتا ئەكس ئەتتۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن مەي، «ياۋروپا كومىتېتىنىڭ مۇزاكىرە پوزىتسىيەسى قاتتىقلاشتى. ياۋروپالىق سىياسەتچىلەر ۋە ئەمەلدارلار ئەنگلىيەگە تەھدىت سالماقتا. پۈتكۈل بۇ ئىشلارنىڭ ۋاقتى ئەنگلىيەدە 8 – ئىيۇلدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئومۇمىي سايلامنىڭ نەتىجىسىگە تەسىر كۆرسىتىش مەقسەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇلدى» دېدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن دۆلىتىنىڭ ئىتتىپاقتىن ئايرىلىشى توغرىسىدا بىر كېلىشىم ھاسىل قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن مەي، «بىراق، يېقىنقى بىر قانچە كۈن ئىچىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر شۇنى كۆرسىتىپ بېرىدۇكى، بىزنىڭ تىلەكلىرىمىزنىڭ قانداق بولۇشىدىن ۋە ياۋروپالىق سىياسەتچىلەرنىڭ پوزىتسىيەلىرىنىڭ قانچىلىك ئەقىلگە مۇۋاپىق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بىريۇسسېلدا بۇ مۇزاكىرىلەرنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىنى خالىمايدىغانلار بار» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئەنگلىيە پۇقرالىرىنىمۇ ئاگاھلاندۇرغان مەي، «ئەگەر بۇ مۇزاكىرىلەرنى توغرا ئېلىپ بارالمىساق، ئەگەر بىريۇسسېلدىكى بىيۇروكراتلارنىڭ بىزنى ئېزىپ تاشلىشىغا يوق قويساق، ھەممىگە ھەقىقىي پۇرسەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغان ئادىل بىر جەمئىيەت بولۇش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر